خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم «1-ئىيۇل ئوردېنى» تارقىتىدۇ ھەمدە مۇھىم سۆز قىلىدۇ
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن «1-ئىيۇل ئوردېنى» تارقىتىش مۇراسىمى 29-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ.
سۈرەتتە: «1-ئىيۇل ئوردېنى».
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن «1-ئىيۇل ئوردېنى» تارقىتىش مۇراسىمى 29-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم «1-ئىيۇل ئوردېنى» تارقىتىدۇ ھەم مۇھىم سۆز قىلىدۇ.
«1-ئىيۇل ئوردېنى» ئوردېنى پارتىيە ئىچىدىكى ئەڭ ئالىي شان-شەرەپ بولۇپ، ئاددىي-ساددا، ھەيۋەتلىك بولۇشنى ئاساسىي لايىھە ئىدىيەسى قىلغان، قىزىل رەڭ، ئالتۇن رەڭ، ئاق رەڭلەرنى ئاساسلىق رەڭ قىلغان، سوغۇق بېسىپ شەكىلگە كەلتۈرۈش، گۈل يىپى بىلەن نەقىشلەش، رەڭلىك يىپەكتىن كىمخاب توقۇش قاتارلىق ھۈنەر-سەنئەت ئارقىلىق ياسالغان. ئوردېندا پارتىيە گېربى، بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز، بايراق، ئابىدە ۋە نۇر، ئاپتاپپەرەس، تاغ-دەريالار، قۇتلۇق بۇلۇت قاتارلىق ئېلېمېنتلار ئىشلىتىلگەن. دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامى مېدالىنىڭ مېتال زەنجىرىدىن پەرقلەندۈرۈلۈپ،«1-ئىيۇل ئوردېنى»غا توقۇلما لېنتا ئىشلىتىلگەن، ئاپتاپپەرەس، نۇر، يۇلتۇز نۇرى قاتارلىق ئېلمېنتلار قوللىنىلغان. بۇ ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ ئىللىق نۇرى ئاستىدا ئوردېنغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن پارتىيەگە تەلپۈنۈپ، جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكى ئىپادىلەنگەن.
مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، شىنخۇا تورى ئوردېن تارقىتىش مۇراسىمىنى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە كۆرسىتىدۇ، خەلق تورى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى، جۇڭگو تورى قاتارلىق مەركەزنىڭ نۇقتىلىق ئاخبارات تور بېكەتلىرى ۋە خەلق گېزىتى تېرمىنالى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى تېرمىنالى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات تېرمىنالى قاتارلىق يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرى ماس قەدەمدە ئۇلاپ كۆرسىتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ