مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ فىجى زۇڭلىسى بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.06.28 08:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى فىجى زۇڭلىسى مۇبەينىماراما بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: فىجى ئەڭ بۇرۇن يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەت. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 46 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - فىجى مۇناسىۋىتى غايەت زور تەرەققىياتقا ئېرىشتى، مۇھىم بىر تەجرىبە شۇكى، ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قوللىدى. جۇڭگو تەرەپ فىجىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئۆز ئالدىغا ئىزدىنىشىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، فىجى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو - فىجى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن فىجى جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا بىرلىكتە تاقابىل تۇردى، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقى سىجىل چوڭقۇرلاشتى. جۇڭگو تەرەپ فىجى تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى ۋاكسىنا قاتارلىق مەدەتلەر بىلەن داۋاملىق تەمىنلەپ، جۇڭگو − تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى جىددىي ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش ئامبىرى تەسىس قىلىپ، فىجى قاتارلىق ئارال دۆلەتلەرنىڭ ئېغىر، زور ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرى ۋە تەبىئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ فىجى تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇپ، سودا، سېلىنما، ئۇل ئەسلىھە، قاتناش، خەۋەرلىشىش، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زەمبۇرۇغ ئوتى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى ھەمكارلىقى قاتارلىق تۈرلەرنى داۋاملىق ياخشى يولغا قويۇپ، فىجىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ فىجى تەرەپنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى داۋاملىق قوللايدۇ.

  مۇبەينىماراما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئۇلۇغ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيادا مۇھىم رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. جۇڭگو تەرەپنىڭ فىجى تەرەپنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى قىممەتلىك مەدەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت. فىجى تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، تەيۋەنگە ئالاقىدار، شياڭگاڭغا ئالاقىدار، شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە ئوبيېكتىپ، ئادىل مەيداندا چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ. فىجى تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ ئىستىقبالى پارلاق بولۇپ، فىجى - جۇڭگو ھەمكارلىقىغا مۇھىم پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، فىجى تەرەپ داۋاملىق پائال قاتنىشىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ