مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 30 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى

خەلقئارا تارقىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق، ئومۇميۈزلۈك بولغان جۇڭگونى نامايان قىلىش كېرەك

2021.06.03 14:16 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن كېيىن دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا 30 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگو ساداسىنى ياخشى تارقىتىپ، ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق، ئومۇميۈزلۈك بولغان جۇڭگونى نامايان قىلىش دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم ۋەزىپە. يېڭى ۋەزىيەتتە خەلقئارا تارقىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنىڭ مۇھىملىقى ۋە زۆرۈرلۈكىنى چوڭقۇر تونۇپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقئارادىكى ئورنىغا ماس كېلىدىغان خەلقئارادىكى سۆز ھوقۇقىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا پايدىلىق تاشقى ئاممىۋى پىكىر مۇھىتى يارىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  فۇدەن داشۆنىڭ پىروفېسسورى جاڭ ۋېيۋېي بۇ مەسىلىنى يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، خىزمەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم مۇزاكىرە قىلدى.

  شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەمىز ئەزەلدىن تاشقى تارقىتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز خەلقئارا تارقىتىشتا توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئىچكى تەشۋىقات ۋە تاشقى تەشۋىقات تۈزۈلمىسىنى راۋانلاشتۇرۇپ، خەلقئارا تەسىر كۈچىگە ئىگە تاراتقۇلار توپىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى سىرتقا چىقىرىشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكى ۋە ئاممىۋى پىكىر كۈرىشىنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ، كۆپ سۇبيېكتلىق، ئىستېرېئولۇق تاشقى تەشۋىقات چوڭ ئەندىزىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلدۇق، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا سۆز ھوقۇقى ۋە تەسىر كۈچى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە يېڭى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىگە دۇچ كەلمەكتە. جەزمەن يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، روشەن جۇڭگوچە ئىستراتېگىيەلىك تارقىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، خەلقئارا تارقىتىشنىڭ تەسىر كۈچى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ چاقىرىق كۈچى، جۇڭگو ئوبرازىنىڭ يېقىنلىق كۈچى، جۇڭگو سۆزىنىڭ قايىل قىلىش كۈچى، خەلقئارا ئاممىۋى پىكىرنى يېتەكلەش كۈچىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ سۆز قىلىش سىستېمىسى ۋە جۇڭگونىڭ بايان قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، جۇڭگو نەزەرىيەسى ئارقىلىق جۇڭگو ئەمەلىيىتىنى شەرھلەپ چۈشەندۈرۈپ، جۇڭگو ئەمەلىيىتى ئارقىلىق جۇڭگو نەزەرىيەسىنى يۈكسەلدۈرۈپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەلنى تۇتاشتۇرىدىغان، يۇغىرىدىغان يېڭى ئۇقۇم، يېڭى كاتېگورىيە، يېڭى بايان بەرپا قىلىپ، جۇڭگو ھېكايىسى ھەم ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى ئىدىيەۋى كۈچ ۋە مەنىۋى كۈچنى تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ روشەن نامايان قىلىش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تەشۋىق قىلىش، شەرھلەپ چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، چەت ئەل ئاممىسىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەقىقىي تۈردە جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقىنى تونۇپ يېتىشىگە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن قابىل ئىكەنلىكىنى، ماركسىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن يارايدىغانلىقىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك. جۇڭگو روھى، جۇڭگو قىممىتى، جۇڭگو كۈچىنى چۆرىدەپ، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قاتارلىق كۆپ نۇقتىدىن چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، خەلقئارا تارقىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئىلمىي قائىدە تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى سىرتقا چىقىرىشقا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق داۋلى سۆزلەپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق سادا تارقىتىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈپ، دۇنياغا جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، جۇڭگو روھىنى نامايان قىلىدىغان، جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەتنى شەرھلەپ چۈشەندۈرۈش، تونۇشتۇرۇش كېرەك. رىتىمنى ياخشى ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەم ئوچۇق - يورۇق، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ھەم كەمتەر، خۇش پېئىل بولۇپ، ئىشەنچلىك، سۆيۈملۈك، ھۆرمەتكە سازاۋەر جۇڭگو ئوبرازىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەشەببۇسى، جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسىنى كەڭ تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش كېرەك، دۆلىتىمىز دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە كۈندىن - كۈنگە يېقىنلىشىۋاتىدۇ، يەر شارىۋى ئىشلاردا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ھەم مەسئۇلىيىتى بار. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە تايىنىپ، مەۋقەنى 5000 يىلدىن ئارتۇق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە قويۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات قارىشى، مەدەنىيلىك قارىشى، خەۋپسىزلىك قارىشى، كىشىلىك ھوقۇق قارىشى، ئېكولوگىيە قارىشى، خەلقئارا تەرتىپ قارىشى ۋە يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلەپ بايان قىلىش كېرەك. كۆپ تەرەپچىللىكنى تەشەببۇس قىلىپ، يەككە تەرەپچىللىك، زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان خەلقئارا يېڭى تەرتىپنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا يېتەكلەش كېرەك. تۈرلۈك جانلىق، تەسىرلىك مىساللاردىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇپ، جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ ئەسلىدىنلا دۇنياغا قوشۇلغان ئەڭ زور تۆھپە ئىكەنلىكىنى، ئىنسانىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتىنى تەقدىم قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەر خىل شەكىلدىكى ئادىمىيەت ئالاقىسى پائالىيەتلىرىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كۆپ خىل يول ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئادىمىيەت ئالاقىسى ۋە خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۈزۈلمە مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىمىز، تەشكىلىي ئەۋزەللىكىمىز، ئادەم كۈچى ئەۋزەللىكىمىزنى تارقىتىش ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. يۇقىرى قاتلام مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مۇھىم خەلقئارا يىغىن مۇنبىرى، چەت ئەلنىڭ ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇسى قاتارلىق سۇپا ۋە يول ئارقىلىق ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار ئۆز خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، مول مەزمۇنلۇق، جانلىق، ئىستېرېئولۇق جۇڭگو ئوبرازىنى نامايان قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقئارا تارقىتىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋر خەلقئارا تارقىتىش ئېھتىياجىغا ماسلاشقان مەخسۇس ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇش كېرەك. خەلقئارا تارقىتىشنىڭ نەزەرىيە تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا تارقىتىش قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، تاشقى سۆز قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تارقىتىش سەنئىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان دۆلەت، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىدىن بولغان ئوبيېكتلارغا يېقىنلاشقان دەل جايىدا تارقىتىش شەكلىنى قوللىنىپ، جۇڭگو ھېكايىسى ۋە جۇڭگو ساداسىنى يەر شارىلاشتۇرۇپ ئىپادىلەش، رايونلاشتۇرۇپ ئىپادىلەش، ئوبيېكت ئايرىپ ئىپادىلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا تارقىتىشنىڭ يېقىنلىق كۈچى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. كەڭ تۈردە دوست تۇتۇپ، كۆپ سانلىقلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ئۇلارنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگونى چۈشىنىدىغان، جۇڭگو بىلەن دوستانە ئۆتىدىغان خەلقئارا ئاممىۋى پىكىر دوستلار چەمبىرىكىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك. ئاممىۋى پىكىر كۈرىشىنىڭ تاكتىكىسى ۋە سەنئىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، مۇھىم، زور مەسىلىلەردە سىرتقا قارىتا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىگە كىرگۈزۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مالىيە سېلىنمىسىنى زورايتىپ، ئەمەلىي خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش، كونكرېت قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار خەلقئارا تارقىتىش خىزمىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلىشى، ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ھەم ئۆزى تۇتۇشى، ھەم ئۆزى ئىشلىشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلارنى خەلقئارا تارقىتىش بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە ئوبرازىنى ئاڭلىق قوغدايدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپ (مەمۇرىيەت شۆيۈەن)لىرى خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنى مۇھىم مەزمۇن قىلىشى كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن قۇرۇلۇشى ۋە زاپاس ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا تارقىتىش نەزەرىيەسى تەتقىقات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ