مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭ مىسىر كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى ئابدېل رازېق بىلەن كۆرۈشتى

2021.05.11 19:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ 10-ماي بېيجىڭدا مىسىر كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى ئابدېل رازېق بىلەن سىن شەكلىدە كۆرۈشتى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ سېسى قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو-مىسىر مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە تېز تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. بۇ يىل ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى، جۇڭگو مىسىر بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ھەقىقىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللاپ، ئىقتىساد-سودا، ئادىمىيەت، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى مىسىر كېڭەش پالاتاسى بىلەن دوستانە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-مىسىر ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى يەنىمۇ بېيىتىشنى خالايدۇ.

  ئابدېل رازېق مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تەيۋەنگە، شىنجاڭغا، شياڭگاڭغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەردىكى پىرىنسىپال مەيدانىنى داۋاملىق قەتئىي قوللاشنى خالايمەن. مىسىر كېڭەش پالاتاسى جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مىسىر-جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.

  لى بىن، شاۋ خۇڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ