مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ جۇڭگو جۇڭخۇا پاي كونترول چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا مۇھىم تەستىق سېلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

قايتا تەشكىللەش-بىرىكتۈرۈش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، تىجارەت سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك

2021.05.11 12:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11 - ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو جۇڭخۇا پاي كونترول چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى 8-ماي بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىق سالدى. تەستىقتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگو «جۇڭخۇا» پاي كونترول چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى قايتا تەشكىللەپ قۇرۇش-دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە جايلىشىشىنى سەرخىللاشتۇرۇش، ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىش، خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، قايتا تەشكىللەش-بىرىكتۈرۈش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كەسپىي ساھەلەردىكى باشلامچى كارخانىلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۈر مەنبەسى، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھالقىلىق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، باشقۇرۇش ۋە تىجارەت ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تىجارەت سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك!

  دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ يۇڭ قۇرۇلۇش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، جۇڭگو جۇڭخۇا پاي كونترول چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى قايتا تەشكىللەپ قۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ۋە ياخشى ئىشلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  ۋاڭ يۇڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى:جۇڭگو «جۇڭخۇا» پاي كونترول چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى قايتا تەشكىللەپ قۇرۇش-دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە جايلىشىشىنى سەرخىللاشتۇرۇش،قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئالغا سىلجىتىش، دۆلەت كاپىتالى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنى كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، زورايتىشتىكى مۇھىم ۋە زور تەدبىر. بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. بايلىق ئامىللىرىنى بىرىكتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇقچىلىق، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، ئۇنىۋېرسال خىمىيە سانائىتى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىجادىي تېخنىكا مەنبەسى ۋە زامانىۋى كەسىپ زەنجىرىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بازارلاشتۇرۇش تىجارىتى تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى سىجىل تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تۆۋەن چېكى ۋە قىزىل سىزىقىنى ياخشى ساقلاپ، يېشىل ۋە تۆۋەن كاربونلۇق پەن-تېخنىكىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە قوللىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، كاربوننىڭ چوققىغا يېتىشى، كاربوننىڭ نېيتراللىشىشى ۋە نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى شىركەتنى ئىدارە قىلىشقا سىڭدۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، شىركەت ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ