مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى نىزامى» مۇھاكىمە كۇرسىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2021.04.08 18:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىرلىك سەپنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى نىزامى»نى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىرلىك سەپ خىزمىتى نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، نىزامنىڭ ئاساسىي روھى، ئاساسىي مەزمۇنى ۋە خىزمەت تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىگىلەپ، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق نىزامنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، بىرلىك سەپنىڭ ئەڭگۈشتەرلىك رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەڭ دائىرىدە قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىرلىك سەپ خىزمىتى نىزامى بىرلىك سەپ نەزەرىيە-سىياسەت نەتىجىلىرىنىڭ يىغىندىسى، بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ ئىشلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلىشىنى مۇھىم سىياسىي كاپالەت، تەشكىلىي كاپالەت، قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. نىزامنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى تۈپ مىزان قىلىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى بىرلىك سەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى ۋە بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك؛ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى خىزمەت يۆنىلىشى قىلىپ، بىرلىك سەپ ساھەسىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، خىزمەتتىكى كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلاش كېرەك؛ پارتىيە سىرتىدىكى ۋەكىل زاتلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئاساس قىلىپ، «بىر تال چاچ»نىڭ «بىر تۇتام چاچ»قا تۈرتكە بولۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ بىرلىك سەپ تارماقلىرى ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە كۈچلۈك كاپالەت قىلىپ، كادىرلارنى تەربىيەلەش-يېتىشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئىقتىدار يېتىشمەسلىك، ئىقتىدار ساراسىمى مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك؛ توغرا يولدا چىڭ تۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇشنى مۇھىم ئىدىيە قىلىپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، پىكىر يولى، ئىدىيەسى، شەكلى، ئۇسۇلى ۋە تۈزۈلمە-مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىرلىك سەپ خىزمىتىدە ھەل قىلىنىدىغىنى كىشىلەر قەلبى ۋە كۈچ مەسىلىسى، سىياسىيلىق − بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ بىرىنچى خۇسۇسىيىتى، جەزمەن سىياسىي ئاڭنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىياسىي چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش كېرەك. سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىگە سىياسىي قاراش ۋە سىياسىي نەزەر بىلەن قاراشقا ماھىر بولۇپ، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، ھادىسىنىڭ ماھىيىتىنى دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈپ، ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش كېرەك. سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىدىن كوردىناتنى توغرا تېپىشقا، يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەشكە، نىشان مەركىزىنى قارىغا ئېلىشقا ماھىر بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سىياسەت-فاڭجېنلىرىنى مۇكەممەل، توغرا ئۆزلەشتۈرۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى»نى بەش قولدەك بىلىش، «مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىرى»نى زىممىسىگە ئېلىشقا ماھىر بولۇش كېرەك. سىياسىي ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش ئاساسىدا خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، مەسىلىنى ھەل قىلىش، ئىتتىپاقلىشىپ يېتەكلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يوۋ چۈەن رىياسەتچىلىك قىلدى. ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، ۋەن گاڭ، چېن شياۋگۇاڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ قاتارلىق دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى ۋە مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى، پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىرى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى مۇھاكىمە كۇرسىغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ