مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ سەنشىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

ئارزۇغا ماسلىشىپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشكە ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ، كۈچەپ ياخشى ئىشلەش كېرەك

2021.02.09 20:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-فېۋرال چاغان ھارپىسىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ سەنشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لوۋ ياڭشېڭ، ئۆلكە باشلىقى لىن ۋۇنىڭ ھەمراھلىقىدا يۈنچېڭ شەھىرىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى ئەمەلىي، خەلققە پايدىلىق ئىشلارنى ياخشى قىلىپ، سىجىل تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش كېرەك.

  يەنخۇ رايونى دۇڭگو بازىرىدىكى چاغانلىق مال بازىرىدا، يايمىچىلار بەس-بەستە زۇڭلىغا ئۆزلىرىنىڭ ياخشى مەھسۇلاتلىرىنى كۆرسەتتى. لى كېچياڭ شۇ جاينىڭ ئۆزگىچە چاغانلىق ماللىرىنى سېتىۋالدى ھەم يايمىچىلار ۋە ئامما بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ چوشقا، كالا، قوي گۆشى، كۆكتات بىلەن تەمىنلەش ۋە باھا ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. لى كېچياڭ تۈرلۈك تاۋارلار بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، مۇنداق دېدى: كىچىك بازارلار چوڭ بازارنى تۇتاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى بىۋاسىتە تۇتاشتۇرىدۇ. ھەممە بايرام چاغاننى باشلىنىش قىلىدۇ، چاغانلىق مال سېتىۋېلىش ئېھتىياجى كۈچلۈك بولىدۇ، يېمەكلىك سۈپىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يېشىل، ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆپرەك ئىشلەپچىقىرىپ، سودىگەرلەرنى ياخشى ساتالايدىغان، ئامما سېتىۋالالايدىغان، خاتىرجەم يېيەلەيدىغان قىلىش كېرەك. نەق مەيداندىكى ئامما بىلەن زۇڭلى ئۆزئارا يېڭى يىلنى تەبرىكلىدى، لى كېچياڭ ھەممە ئائىلىنىڭ چاغاننى خۇشال-خۇرام، ئامەتلىك ئۆتكۈزۈشىنى تىلىدى.

  شياشيەن ناھىيەسى مياۋچيەن بازىرى ۋۇسۈن كەنتى − نامراتلىقتىن قۇتۇلغان كەنت. لى كېچياڭ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇلارغا چاغانلىق مال سوۋغات قىلدى ۋە بەخت تىلىدى، چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ پۈتۈن ئائىلىنىڭ تەپسىلىي كىرىمىنى بىرلىكتە ھېسابلىدى، ئائىلىنىڭ قانچە مو يېرى بارلىقى، قانچە كىشىنىڭ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلىقى، يەنە قانداق ئارزۇسى بارلىقىنى سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: دۆلەت يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇۋاتىدۇ، يۆلەش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيدۇ، سىياسەت ياخشى بولسا، كۆپچىلىك تىرىشىپ ئىشلىسە، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ. ئۇ سىرتتا ئىشلەۋاتقان كەنت ئاھالىلىرىنى تىرىشىپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئائىلىسىگە ياردەم بېرىشكە ئىلھاملاندۇردى. كەنتتىكى بالىلار زۇڭلى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئوقۇش ئەھۋالىغا جاۋاب بەردى، بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن زۇڭلىغا تاڭ شېئىرلىرىنى يادلاپ بەردى، لى كېچياڭ بالىلارنى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى. ئۇ ئاممىنىڭ قىشلىق ئىسسىنىشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى، دۆلەتنىڭ سىياسەت جەھەتتىن قوللىشى ئارقىسىدا، كەنتنىڭ بىئوماسسا ئوچىقى ئىشلىتىپ، شۇ جايدا بىر قەدەر كۆپ بولغان چاتالغان مېۋىلىك دەرەخ شاخلىرى، شاخ-شۇمبىلارنى يېقىلغۇ قىلىپ تاماق ئېتىش، ئىسسىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قىشتا ئىسسىنىشتا كۆمۈر مۇۋاپىق بولسا كۆمۈر، گاز مۇۋاپىق بولسا گاز ئىشلىتىش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش كېرەك، ئامما ئۈچۈن ئىش قىلىشتا مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، كۆپرەك كاللا ئىشلىتىپ، ئاممىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىش كېرەك.

  لى كېچياڭ بىر كەپە ئۆي رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىم، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئاتچوت قىلىش، يەسلىگە كىرىش خىراجىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىشكە بولغان ئويىنى سورىدى، كۆپچىلىك زۇڭلىغا ھازىرقى تۇرالغۇ ئۆيىنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەش، پاسكىنا سۇنى چىقىرىۋېتىشىنىڭ راۋان ئەمەسلىكىنى، پار بىلەن تەمىنلەنمەيدىغانلىقىنى، ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى. يەرلىك مەسئۇل يولداشلار ئۆزلىرىنىڭ بازار كۈچىنى كىرگۈزۈپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىۋاتقانلىقىنى دوكلات قىلدى، لى كېچياڭ مۇنداق تاپىلىدى: ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، چىڭ تۇتۇپ ئىش باشلاپ ئۆزگەرتىش كېرەك، دۆلەت كەپە ئۆي رايونى ۋە كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشنى داۋاملىق قوللايدۇ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى تۇرمۇش قولايلىق، ئازادە يېڭى ئۆيلەرگە بالدۇرراق كۆچۈرۈش كېرەك.

  چاغان مەزگىلىدە تېز يەتكۈزۈش ئېھتىياجى ئاشتى، لى كېچياڭ جۇڭتۇڭ تېز يەتكۈزۈش شىركىتىنىڭ ئايرىش مەركىزىگە كەلدى، كارخانا مەسئۇلى تەدبىر قوللىنىپ، ئەشيا ئوبوروتىنى تېزلەتكەنلىكىنى تونۇشتۇردى. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان تېز يەتكۈزۈشنىڭ بىرلىك تەننەرخىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئاڭلاپ، لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئەشيا ئوبوروتى تېز يەتكۈزۈش − ئىقتىساد ئوبوروتىنىڭ چوڭ تومۇرى، تەننەرخنىڭ تۆۋەنلىشى ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، شۇنداقلا تېز يەتكۈزۈش كەسپى تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا، بولۇپمۇ جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولىدۇ. ئۇ تېز يەتكۈزۈش خادىملىرىغا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى سالام خەت ئالتۇنغا باراۋەر دېيىلەتتى، ھازىر تېز يەتكۈزۈش كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتتى، تۇرمۇشقا كاپالەتلىك قىلدى. يۈنچېڭ ئامەت شەھىرى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، لېكىن ئامەت ئاسماندىن چۈشمەيدۇ، چوقۇم كۆپچىلىكنىڭ تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىغا تايانغاندىلا، ئاندىن ئامەت پۇرسىتىنى چىڭ تۇتقىلى بولىدۇ.

  لى كېچياڭ سەنشىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇختا ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلدى.

  شياۋ جيې، خې لىفېڭ تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ