خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 2014-يىل 7-ئاينىڭ 21-كۈنى، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «غالىبلار فارفۇر لوڭقىسى» مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبول چېمپيون لوڭقىسى ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدە، ئۈرۈمچى بەشىنچى باشلانغۇچ مەكتەب پۇتبول كوماندىسى نۆلگە قارىشى سەككىز نەتىجە بىلەن كۈنمىڭ باشلانغۇچ مەكتەب كوماندىسىنى يەڭدى.
7-ئاينىڭ 22-كۈنى ، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «غالىبلار فارفۇر لوڭقىسى» مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبول چېمپيون لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقسىنىڭ ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىسىدە ئۈرۈمچى بەشىنچى باشلانغۇچ مەكتەب كوماندىسى نۆلگە قارىشى 3 نەتىجە بىلەن ساھىبخانا بېيجىڭ خۇيزۇ باشلانغۇچ مەكتەب توپ كوماندىسىنى يەڭدى.
7-ئاينىڭ 23-كۈنى، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «غالىبلار فارفور لوڭقىسى» مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبول چېمپيون لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقسىنىڭ ئۈچىنچى مەيدان مۇسابىقىسىدە ئۈرۈمچى بەشىنچى باشلانغۇچ مەكتەب كوماندىسى 1 گە قارىشى 7 نەتىجە بىلەن گۇاڭجۇ باشلانغۇچ مەكتەب كوماندىسىنى يەڭدى.
7-ئاينىڭ 24-كۈنى ،بېيجىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «غالىبلار فارفور لوڭقىسى» مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبول چېمپيون لوڭقىسى ۈھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ 4- مەيدان مۇسابىقىسىدە، ئۈرۈمچى 5-باشلانغۇچ مەكتەب كوماندىسى 0 گە قارىشى 8 نەتىجە بىلەن شيامېن باشلانغۇچ مەكتەب كوماندىسىنى يەڭدى.
ئۈرۈمچى 5- باشلانغۇچ مەكتەب كوماندىسى شىنجاڭدا داڭلىق ياش-ئۆسمۈرلەر توپ كوماندىسى بولۇپ قالغان، شەندۇڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۈمىد لوڭقىسى خەلقئارا ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقسى»دە، ئۇدا ئۈچ قارار چېنپيونلۇققا ئېرىشكەن، بۇقېتىملىق مۇسابىقە ئەتە يەنە داۋاملىشىدۇ، داۋامى نەزەرىڭلاردا بولىدۇ.
سۆرەتتە: مۇسابىقىدىن كۆرۈنۈشلەر
مۇھەررىر : ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى