خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21 ــ مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-مارت، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ رەپىقىسى مېچىل ئوباما بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، جۇڭگودىكى بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنى باشلىدى. بېيجىڭدىن باشقا، مېچىل يەنە شىئەن ۋە چىڭدۇدا زىيارەتتە بولىدۇ. مېچىلنىڭ ئانىسى روبىنزون خانىم ۋە قىزلىرى مالىيا بىلەن ساشا ئانىسىغا ھەمراھ بولۇپ بىللە زىيارەتتە بولىدۇ.