قۇمتاغ ساياھەت مەنزىرە رايونى پىچان ناھىيەسىنىڭ شەرقىگە، پىچان ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارىلىقى 280 كىلومېتىر كىلىدۇ. غەربكە 90 كىلومېتىر ماڭسا جۇڭگو ساياھەتچىلىكىدىكى داڭلىق رايون تۇرپانغا يېتىپ بارالايدۇ. بۇ ساياھەت رايونىنىڭ شەرقتىن غەربكە بولغان ئۇزۇنلۇقى 62 كىلومېتىر، جەنۇپتىن شىمالغا بولغان كەڭلىكى 40 كىلومېتىر، قۇملۇق كۆلمى 1800 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى قۇملۇق بىلەن بوستانلىق بىر گەۋدىلەشكەن «شەھەرگە ئەڭ يىقىن قۇملۇق» ساياھەت مەنزىرە رايونى.