يالقۇنتاغ تۇرپاندىكى ئىنتايىن داڭلىق ساياھەت ئورنى بولۇپ، تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان. يالقۇنتاغ گرانت تاشلارنىڭ قۇياش نۇرىنى قايتۇررۇشى بىلەن قىزىل رەڭدە كۆرۈنىدىغانلىقى بىلەن يىراق ـ يېقىنغا تونۇلغان ۋە يالقۇنتاغ دەپ ئاتالغان. (بەزىدە قىزىلتاغ دەپمۇ ئاتىلىدۇ.)
يالقۇنتاغ ئېلىمىزدىكى ئەڭ ئىسسىق جاي، ياز پەسلىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرا 47.8 سېلسىيە گرادۇسقا، يەر يۈزىنىڭ تېمپىراتورىسى 70 سېلسىيە گرادوستىن ئاشىدۇ. بۇنداق پىژغىرىم ئىسسىقتا يەرگە تۇخۇمنى كۆمسىمۇ ناھايىتى ئاسانلا پىشىدۇ.