كارىز مىللىي ئۆرپ ـ ئادەت باغچىسى تۇرپان يار يېزىسىغا جايلاشقان بولۇپ، شەھەر مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئارانلا 3 كىلومېتىر كىلىدۇ. مىللىي ئۆرپ ـ ئادەت باغچىسىدا كارىز، كارىز مۇزېيى، ئۆرپ ـ ئادەت كوچىسى، ئۈزۈمزارلىق قاتارلىقلار بار. ئۆرپ ـ ئادەت باغچىسى كارىزنىڭ ئۇزۇن يىللىق مەدەنىيىتى ۋە مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ھويلىلىق ئاھالىلەر مېھمانسارىيىنى بىر گەۋدە قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى ھەم 400 يىللىق كارىز مەدەنىيىتى، تارىخىدىن خەۋەردار قىلىدۇ ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ ـ ئادەتلىرىنى تونۇشتۇرىدۇ.