باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

قانۇنىيەتنى ياخشى ئىگىلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيلى

__ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 7-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (1)

2017.01.09 14:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن پارتىيە ئىدارە قىلىش كېرەك، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا چوقۇم قاتتىق باشقۇرۇش كېرەك.

  ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 7-ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشنىڭ تىرىشىش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا كىرگۈزۈپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى زور كۈچ بىلەن چىڭىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشى ھالقىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ھەقىقىي باشقۇرۇپ، ھەقىقىي قاتتىق بولۇپ، باشقۇرۇشقا، قاتتىق بولۇشقا جۈرئەت قىلىپ، ئۇزاققىچە باشقۇرۇپ، ئۇزاققىچە قاتتىق بولۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، چىرىكلىكنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى چەكلەپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. تۆت يىللىق تىرىشىش ئارقىلىق، چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلماسلىق نىشانى دەسلەپكى قەدەمدە ئەمەلگە ئېشىپ، چىرىكلىشەلمەيدىغان تۈزۈم بارغانسېرى مۇكەممەللىشىپ، چىرىكلىشىشنى خالىماسلىق توسۇقى قۇرۇلۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش ۋەزىيىتى شەكىللىنىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشتا يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى. بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىلى ئاممىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمەت ئۈنۈمىدىن رازى بولۇش ياكى نىسبەتەن رازى بولۇش نىسبىتى %92.9كە يېتىپ، 2012-يىلدىكىدىن 17.9 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان.

  ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك قارارى پۈتۈنلەي توغرا بولۇپ، پارتىيە، ئەل قەلبىنى مايىل قىلدى. تۆت يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى مەۋقە قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ دېگەننى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ پارتىيەمىزنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشى، پارتىيە قۇرۇلۇشىغا بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىم ھالقىسى: قانۇنىيەتنى يەنىمۇ ياخشى ئىگىلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر