مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش جۇڭگونىڭ چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلدى، دەپ قارىدى

2023.03.16 21:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ قوللىشى بىلەن، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئىران 3-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە بېيجىڭدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىران بېيجىڭ كېلىشىمى ئىمزالىدى. جۇڭگو، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئىران قوشما بايانات ئىمزالاپ ھەمدە بايانات ئېلان قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىران ئىككى تەرەپنىڭ دېپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا قوشۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.

  نۇرغۇن ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ قول ئېلىشىپ يارىشىپ، دېپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرقنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى، تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشتىكى ھەمكارلاشقۇچى، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرگۈچى بولۇشتەك رولىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگونىڭ چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  مۇتەخەسىسلەر مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ بېيجىڭدىكى سۆھبىتىدە زور نەتىجىلەر قولغا كەلدى، بۇ ھەم ئىككى تەرەپ مەنپەئەتىنىڭ ئورتاق ئېھتىياجى، ھەم جۇڭگونىڭ ئاكتىپ تۈرتكىسىدىن ئايرىلالمايدۇ. جۇڭگو ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى بىلەن كەڭ دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلمەكتە، ئوتتۇرا شەرق قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى ۋە سەزگۈر مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ھېچقانداق شەخسىي مەنپەئەتى يوق، ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ خوجايىنلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، ئوتتۇرا شەرقتە جۇغراپىيەلىك سىياسىي رىقابەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا قارشى تۇرىدۇ، ئاتالمىش «ۋاكۇئۇم»نى تولدۇرۇش ياكى باشقىلارنى يەكلەيدىغان كىچىك چەمبىرەك پەيدا قىلىش ئويى يوق. جۇڭگو ئوتتۇرا شەرقنىڭ كەلگۈسىنى باشتىن-ئاخىر ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى ئۆز قولىدا تۇتۇشى كېرەك دەپ قاراپ، ئوتتۇرا شەرق خەلقىنىڭ تەرەققىيات يولى ئۈستىدە مۇستەقىل ئىزدىنىشىنى باشتىن-ئاخىر قوللىدى؛ ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ سۆزلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ئارازلىقنى تۈگىتىپ، رايوننىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشىنى قوللىدى.

  جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى بويىچە سابىق ئالاھىدە ئەلچىسى، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە مىسىردا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى ۋۇ سىكې مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەت تارىخى ئۇزۇن، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلار. «سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ بېيجىڭدىكى سۆھبىتىنىڭ زور نەتىجىلەرگە ئېرىشىشى دەل جۇڭگونىڭ سەمىمىي پوزىتسىيەسىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنگەنلىكى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىدىكى سىياسىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنگەنلىكى بولۇپ، جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىنى نامايان قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ