شى جىنپىڭ: باشقىلارنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرۈۋەتكەنلەر ئۆزىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرالمايدۇ؛ باشقىلارنىڭ يولىنى توسۇۋالغانلار تېخىمۇ يىراقلارغا ماڭالمايدۇ

2023.03.16 15:52 مەنبە: خەلق تورى

  3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى.


  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەرقانداق دۆلەت زامانىۋىلىشىشقا ئىنتىلىشتە، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئورتاق مەنپەئەتلىنىش يولىدا مېڭىشى كېرەك. ئالدىدا ماڭغان دۆلەتلەر باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا چىن كۆڭلىدىن ياردەم بېرىشى كېرەك. باشقىلارنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرۈۋەتكەنلەر ئۆزىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرالمايدۇ؛ باشقىلارنىڭ يولىنى توسۇۋالغانلار تېخىمۇ يىراقلارغا ماڭالمايدۇ.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ