لى چياڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالى توغرىسىدا سۆزلىدى

2023.03.14 16:55 مەنبە: خەلق تورى

  13 - چېسلا، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ خەلق سارىيىنىڭ 3-قەۋىتىدىكى ئالتۇن رەڭلىك زالدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: جۇڭگو قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى؟ جۇڭگو ئىقتىسادى بۇ يىل ۋە كېيىنكى بەش يىلدا قانداق پايدىلىق ۋە پايدىسىز ئامىللارغا دۇچ كېلىدۇ؟ كەلگۈسى بەش يىلدا جۇڭگو قانداق سىياسەتلەرنى قوللىنىپ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، يۇقىرى سۈپەتلىك ئېشىشنى قوللاشنى پىلانلىدى؟ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو قەرز، كاپىتالنىڭ تەرتىپسىز كېڭىيىشى قاتارلىق سىستېمىلىق خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش جەھەتتىكى سىياسەتلەردە قانداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى؟

  گوۋۇيۈەن زوڭلىسى لى چىياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ئانچە ياخشى ئەمەس، مۇقىمسىز، ئېنىقسىز، مۆلچەرلەش تەس بولۇشتەك ئامىللار بىر قەدەر كۆپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۈچۈن بىر سىناق. بۇ يىل جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كۆزلىمە ئېشىش نىشانى %5 ئەتراپىدا بېكىتىلدى، بۇنى بىز ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلاشقاندىن كېيىن بېكىتتۇق. ئەلۋەتتە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 120 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى، ئاساسىي سان ناھايىتى يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يىلقى يېڭى خىرىس زور بولغاچقا % 5 ئەتراپىدا ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاسان ئەمەس، ھەسسىلەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

  ئالاقىدار كونكرېت سىياسەت-تەدبىرلەر بۇلتۇر مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاساسىي يۆنىلىش مۇقىملىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئايلىنىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت. مۇقىم بولۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش؛ ئىلگىرىلەشتە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش ئاچقۇچ. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، مەن بىر قانچە ئىشنى ئالاھىدە ياخشى قىلماقچى ياكى مۇنداق بىر قانچە يۈرۈش بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىشىم كېرەك: بىرىنچى، ماكرولۇق سىياسەت، ئىككىنچى، ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش، ئۈچىنچى، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، تۆتىنچى، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش. بۇ «بىرىكمە مۇشت» لارنىڭ كونكرېت مەزمۇنى بار، بەزىلىرى يەنە ئەمەلىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۈزلۈكسىز تولۇقلىنىدۇ، تەڭشىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

  بايا بۇ مۇخبىر دوستىمىز پايدىلىق ۋە پايدىسىز ئامىللار مەسىلىسىنى سورىدى. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدا ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئەۋزەل شارائىت بار. مەسىلەن، بازار كۆلىمى زور، كەسىپ سىستېمىسى مۇكەممەل، ئادەم كۈچى بايلىقى مول، تەرەققىيات ئاساسى پۇختا بولۇش قاتارلىقلار، تېخىمۇ مۇھىمى تۈزۈم ئەۋزەللىكى روشەن. قىيىنچىلىق تىلغا ئېلىنسا، ھەممەيلەننىڭ قىيىنچىلىقى بار، بۇ يىلمۇ بىزنىڭ قىيىنچىلىقىمىز ئاز بولمايدۇ، بىراق، كۆپچىلىك ئويلاپ بېقىڭلار، قاچان، قايسى يىلدا قىيىنچىلىق بولمىغان؟ بىز ئەزەلدىن قىيىنچىلىقنى يېڭىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردۇق. بىز بۇ بىر ئەۋلاد جۇڭگولۇقلار كىچىكىمىزدىن دايۈنىڭ سۇنى تىزگىنلىشى، يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشى، جىڭۋېينىڭ دېڭىزنى تىندۇرۇشى، كۇافۇنىڭ قۇياشنى قوغلىشى قاتارلىق ھېكايىلەرنى ئەڭ كۆپ ئاڭلايمىز، ھەممىسى كىشىنى ئىلھاملاندۇراتتى، بۇلاردا قىيىنچىلىقتىن، جاپا-مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان، توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان روھ سۆزلەنگەن بولۇپ، بىز جۇڭگولۇقلار ھەرقانداق قىيىنچىلىققا باش ئەگمەيمىز.

  يېقىنقى ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىدا مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، بىر قىسىم خەلقئارا تەشكىلاتلارمۇ بۇ يىللىق جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرىتى كۆزلىمىسىنى ئۆستۈردى. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالىنى «بورانغا قارشى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىگەندىلا كەلگۈسىدىن ئۈمىد بولىدۇ» دېگەن سۆزگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. بۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىل.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ