لى چياڭ ئىشخانىدا ئولتۇرغاندا يولۇققاننىڭ ھەممىسى مەسىلە، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆككەندە كۆرگەننىڭ ھەممىسى چارە، ماھىرلار خەلق ئارىسىدا، دېدى

2023.03.16 00:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 10 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ خەلق سارىيىنىڭ 3-قەۋەتتىكى ئالتۇن رەڭلىك زالىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: ھەممىمىزگە مەلۇمكى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت مۈشكۈل، ئېغىر ۋەزىپىگە دۇچ كەلدى، ھەر قايسى تەرەپلەر ناھايىتى يۇقىرى ئۈمىد كۈتمەكتە. بۇ، ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى، خىزمەت ئىستىلىغا يېڭى تەلەپلەرنى قويدى. سوراپ باقسام، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش جەھەتتە نېمىلەرنى ئويلاشتى؟ رەھمەت!

  لى چياڭ مۇنداق دېدى: ھەقىقەتەن سىز ئېيتقاندەك يېڭى بۇرچ ۋە ۋەزىپىلەر بىزگە يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى قويدى. بىز يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ئاپپارات ئىسلاھاتىنى پۇرسەت بىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، فۇنكسىيەنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، ئىستىلنى ياخشىلاشنى پىلانلىدۇق. بۇنىڭدا تۆت ئىش گەۋدىلىك تۇتۇلىدۇ:

  بىرىنچىدىن، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. يېقىندا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، گوۋۇيۈەن باشلامچىلىق بىلەن ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. مەن ئۇزاق مۇددەت يەرلىك ئورۇندا خىزمەت قىلغان بولۇپ، مۇنداق بىر ئىشنى چوڭقۇر ھېس قىلغان، يەنى ئىشخانىدا ئولتۇرغاندا يولۇققاننىڭ ھەممىسى مەسىلە، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆككەندە كۆرگىنىمنىڭ ھەممىسى چارە، ماھىرلار ئەل ئارىسىدا. بىز ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ بىرىنچى سەپكە كۆپرەك بېرىپ، ئەلدىن ھال-ئەھۋال سوراپ، ئەلدىن ئەقىل سوراپ، خەلق ئاممىسىدىن ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ھەقىقىي ياردەم بېرىشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ ئۇزاق مۇددەت چوڭ ئورگانلاردا خىزمەت قىلغان ياش يولداشلار ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، قەلبىدىن ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تېخىمۇ كۆپ يېقىشلىق بولۇشى كېرەك.

  ئىككىنچى، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت خىزمىتى چوقۇم قانۇن رامكىسى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىشى، بارلىق مەمۇرىي ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى قانۇن ئاساسىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، قانۇنچىللىق ئۇسۇلى ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئىجادىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى مۇلازىمەت ئېڭى، تەرەققىيات ئېڭىغا ئىگە بولۇشى لازىم، بولۇپمۇ تەستىقلاش، باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلغاندا، تورمۇزغىلا دەسسەپ، ماي كىلاپانىغا دەسسىمەسلىككە بولمايدۇ؛ يوللارغا توساق قويۇپ، يول بەلگىسى قويماسلىققا بولمايدۇ؛ ھەرقانداق ئىشتا «قىلىشقا تېگىشلىكمۇ-ئەمەسمۇ» دېگەنگە كۆپرەك ھۆكۈم قىلىش كېرەك، ئاددىي ھالدا «قىلىشقا بولامدۇ-بولمامدۇ» دېگەنگە تېخنىكىلىق ھۆكۈم قىلىپلا قويۇشقا بولمايدۇ. بارلىق شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ھەقىقىي ئىجادىي ئىجرا قىلغۇچىلاردىن بولۇش كېرەك.

  تۆتىنچى، پاك-دىيانەتلىك بولۇش تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. بىز باشتىن-ئاخىر قاتتىق ئۆلچەم، قاتتىق تەدبىر بىلەن پاك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، بارلىق چىرىكلىك قىلمىشلىرىغا قەتئىي يول قويمايمىز. ھەر بىر ھۆكۈمەت خادىمى نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ