لى چياڭ زۇڭلى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئالاقىلىشىشنى توختاتقانلىق سەپسەتىسىگە ئىنكاس قايتۇردى

2023.03.14 16:54 مەنبە: خەلق تورى

  زۇڭلى لى چياڭ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ «ئالاقىنى توختاتقانلىقى» توغرىسىدىكى سەپسەتە بەزىدە تۇرۇپلا قىزىق نوقتا بولۇپ قالىدۇ، لېكىن زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ بۇنداق كۆپتۈرۈشتىن ھەقىقىي نەپكە ئېرىشكەنلىكى نامەلۇم. جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىسادى بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، بىر-بىرىنىڭ تەرەققىياتىدىن مەنپەئەتلىنىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ھەمكارلاشسا بولىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ھەمكارلىشىشى كېرەك، جۇڭگو-ئامېرىكا ھەمكارلىقى كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئېگە، قورشاپ بېسىشنىڭ ھېچكىمگە پايدىسى يوق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ