لى چياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2023.03.15 11:45 مەنبە: خەلق تورى

  يىغىندا گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات تەسىس قىلىشقا ئالاقىدار خىزمەتلىرى تەتقىق قىلىندى، «گوۋۇيۈەننىڭ خىزمەت قائىدىسى (تۈزىتىلمە نۇسخىسى)» مۇزاكىرە قىلىندى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك گوۋۇيۈەن مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىشقا باشلىدى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك گوۋۇيۈەننىڭ 1-قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا گوۋۇيۈەن ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى، «گوۋۇيۈەننىڭ خىزمەت قائىدىسى (تۈزىتىلمە نۇسخىسى)» مۇزاكىرە قىلىندى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك گوۋۇيۈەن مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىشقا باشلىدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە، قاراتمىلىققا ئىگە بىر قاتار مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» نىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: گوۋۇيۈئەن ئالدى بىلەن سىياسىي ئورگان، جەزمەن بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، «ئىككىنى تىكلەش» نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، «تۆت ئاڭ» نى كۈچەيتىپ،« تۆت ئىشەنچ »نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى سىستېمىلىق ئۆگىنىپ ۋە ئىگىلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ زور مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، مۇھىم تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇھىم خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئىجادىي چىڭ تۇتۇش كېرەك. «بىر تاختا شاھمات» ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ بىللە ئىشلەپ، بىرلىكتە ئىش قىلىپ، ئۆزئارا قوللاپ، ئۆزئارا ماسلىشىپ، خىزمەتلەرنى ھەمكارلىشىپ يۇقىرى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇش كېرەك.پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2 - ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى» ۋە 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 - يىغىنىدا قاراپ چىقىپ تەستىقلانغان گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسىگە ئاساسەن، يىغىندا گوۋۇيۈەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاھىدە تەسىس قىلىنغان ئاپپارات، بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپارات، ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى، بىۋاسىتە قاراشلىق كەسپىي ئورۇن، مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلار باشقۇرىدىغان دۆلەت ئىدارىسى تەسىس قىلىش قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاپپارات ئىسلاھاتى نۆۋەتتىكى زور سىياسىي ۋەزىپە، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇمىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئەتراپلىق يولغا قويۇپ، ئاپپارات، مەسئۇلىيەت، قوشۇن قاتارلىقلارنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، ئىسلاھات مەزگىلىدە تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە، تەرتىپلىك جىپسىلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتىنى پۇرسەت بىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ئۈنۈملۈك بازار بىلەن ئىقتىدارلىق ھۆكۈمەتنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا يېڭىدىن تۈزىتىلگەن «گوۋۇيۈەننىڭ خىزمەت قائىدىسى» مۇزاكىرە قىلىندى، تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ 1 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: گوۋۇيۈەننىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشنى ئەڭ تۈپ سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەلەپلىرىنى ئۆلچەم بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىدىكى پەرقلەرنى توغرا تېپىپ چىقىپ، ئۆلچەمگە سېلىشتۇرۇپ يېتەرسىزلىكلەرنى تەكشۈرۈپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تولۇق ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىلمىي، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، پاك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ