لى چياڭ: دۆلەتنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى قوللاش سىياسىتى ئازايمايدۇ، بەلكى كۆپىيىدۇ

2023.03.14 16:53 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ «خەلق گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، بىز ئىككى مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتىمىز: بىرىنچىسى، تېرىلغۇ يەر. ئىككىنچىسى، ئۇرۇق. دۆلىتىمىزنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. مېنىڭ دېھقان دوستلارغا شۇنى ئېيتقۇم بار: دۆلەتنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى قوللاش سىياسىتى ئازايمايدۇ، بەلكى كۆپىيىدۇ، كۆپچىلىكنى كۆپرەك ئاشلىق تېرىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىنى ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتۇشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ