شى جىنپىڭ: زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ «پاتېنتلىق مەھسۇلاتى» ئەمەس، شۇنداقلا چوقۇم بىرىنى تاللاپ بىرىنى تاشلايدىغان «تاق تاللاش تېمىسى» مۇ ئەمەس

2023.03.16 15:54 مەنبە: خەلق تورى

  3- ئاينىڭ 15 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ «پاتېنتلىق مەھسۇلاتى» ئەمەس، چوقۇم بىرىنى تاللاپ بىرىنى تاشلايدىغان «تاق تاللاش تېمىسى» مۇ ئەمەس، ئاددىي ھالدا ھەممىنى بىر قېلىپقا سېلىشقا، «كۆچۈرۈپ چاپلاش»قا بولمايدۇ. بىر دۆلەت زامانىۋىلىشىشقا قاراپ مېڭىشتا ھەم زامانىۋىلىشىشنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىشى ھەم ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىدا چىڭ تۇرۇشى، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىشى كېرەك.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز



  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ