خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 3-ئاينىڭ 13-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيەلىك يازغۇچى، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى كېنزابۇرو ئوئى (داجياڭ جيەنسەنلاڭ) مۇشۇ ئاينىڭ 3-كۈنى 88 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
كېنزابۇرو ئوئى 1935-يىلى ياپونىيەنىڭ ئەييۈەن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، توكيو داشۆسىنىڭ فرانسىيە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەن، «بېقىش»، «شەخسىي تەسىرات»، «ۋەنيەن يىلىدىكى پۇتبول» قاتارلىق نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ياپونىيە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى باشلامچى شەخس.
كېنزابۇرو ئوئى 1994-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇزاقتىن بۇيان، ئۇ ياپونىيە مىلىتارىزمىنى تىرىلدۈرۈشكە قارشى تۇرۇپ، تىنچلىقنى پائال تەشەببۇس قىلىپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-ياپونىيە ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە جۇڭگو-ياپونىيە دوستلۇق ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ