ۋاڭ خۇنىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى ئېچىلدى

2023.03.14 09:58 مەنبە: خەلق تورى

  3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىنى ئېچىش قارار قىلىندى

  سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى.

  يىغىندا سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 1- يىغىنىنىڭ قارالمىسى (لايىھە) ۋە كۈنتەرتىپى قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىنى 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى. يىغىندا يەنە سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەخسۇس كومىتېت تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارارى (لايىھە) ۋە كادىرلار ئىشلىرىغا ئالاقىدار لايىھەلىرى قاتارلىقلار قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 2023-يىللىق خىزمەت مۇھىم نۇقتىلىرى قاراپ چىقىلدى ۋە پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى. يىغىندا يۇقىرىقى لايىھەلەرنى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭىلا يېپىلغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىدا سايلام ئارقىلىق رەئىسلەر يىغىنى تەشكىللىنىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلدى. بۇ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى، شۇنداقلا بارلىق ئەزالارنىڭ ئىشەنچى. رەئىسلەر يىغىنىنىڭ ئەزالىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەت ئۈچۈن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، باشتىن- ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى مەركىزىي خىزمەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى تىرىشىپ ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپى ۋاڭ دۇڭفېڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار قارالمىلار توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن شى تەيفېڭ، خۇ چۇنخۇا، شېن يۆيۆ، ۋاڭ يۇڭ، جوۋ چياڭ، پابالا گېليېلاڭجيې، خې خوۋخۇا، لياڭ جېنيىڭ، باتېر، سۇ خۇي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ، چېن ۋۇ، مۇ خۇڭ، شيەن خۇي، جياڭ شىنجى، جياڭ زوجۈن، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، چىن بويۇڭ، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ