14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى 5 - ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ

​گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكى باشقا خادىملارنى قارار قىلدى

​دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رەئىس پەرمانى ئىمزالاپ تەيىنلىدى

2023.03.14 09:37 مەنبە: خەلق تورى

  14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 5 - ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكى باشقا خادىملارنى قارار قىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2 - نومۇرلۇق رەئىس پەرمانى ئىمزالاپ، يىغىننىڭ قارارىغا ئاساسەن، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللانغان گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكى باشقا خادىملارنى تەيىنلىدى.

  يىغىن گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭنىڭ كۆرسىتىشىگە ئاساسەن، بېلەت تاشلاپ ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، دىڭ شۆشياڭ، خې لىفېڭ، جاڭ گوچىڭ، ليۇ گوجۇڭنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى بولۇشىنى، لى شاڭفۇ، ۋاڭ شياۋخۇڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ، شېن يىچىن، چىن گاڭنىڭ دۆلەت كومىسسارى بولۇشىنى قارار قىلدى.

  شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2977 كىشى، قاتناشقانلار 2946 كىشى، قاتنىشالمىغانلار 31 كىشى، قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يىغىنغا يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسى، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى جېڭ جيەنباڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن ما فېڭگو، ۋاڭ جيۇڭ، لىن ۋۇ، يى ليەنخۇڭ، خاۋ پېڭ، خۇ چاڭشېڭ، شۈ لىن، خۇاڭ چۇپىڭ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى.

  بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ قارالمىلىرى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭنىڭ كۆرسىتىشىگە ئاساسەن، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ھەرقايسى مىنىستىرلىقلارنىڭ مىنىستىرلىرى، ھەرقايسى كومىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرى، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى، باش ئىقتىسادىي تەپتىش، باش كاتىپنى قارار قىلىش؛ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتى، رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە كومىتېتى، مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت - سەھىيە كومىتېتى، تاشقى ئىشلار كومىتېتى، خۇاچياۋلار كومىتېتى، مۇھىت ۋە بايلىق قوغداش كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا كومىتېتى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىك لايىھەسىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاۋازغا قويۇش.

  يىغىندا گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭنىڭ گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكى باشقا خادىملار نامزاتلىرىنى كۆرسىتىش خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

  بېلەت تولدۇرۇش، بېلەت تاشلاش، بېلەت ھېسابلاش ئارقىلىق، سائەت 10دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە، رىياسەتچى: يولداش دىڭ شۆشياڭ، خې لىفېڭ، جاڭ گوچىڭ، ليۇ گوجۇڭنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى بولغانلىقىنى؛ يولداش لى شاڭفۇ، ۋاڭ شياۋخۇڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ، شېن يىچىن، چىن گاڭنىڭ دۆلەت كومىسسارى بولغانلىقىنى جاكارلىدى.

  رىياسەتچى يەنە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ھەرقايسى مىنىستىرلىقلىرىنىڭ مىنىستىرلىرى، ھەرقايسى كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرلىرى، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى، باش ئىقتىسادىي تەپتىش ئىسىملىكىنى جاكارلىدى.

  14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ئون مەخسۇس كومىتېت تەسىس قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى، مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملار ئىسىملىكى 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. باشقا سەككىز مەخسۇس كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملار نامزاتىنى ھەيئەت رىياسىتى نامزاتلىققا كۆرسەتكەندىن كېيىن، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى كېڭەشتى. ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ كېڭىشىش پىكرىگە ئاساسەن، ھەيئەت رىياسىتى يىغىنى بۇ سەككىز مەخسۇس كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملار ئىسىملىكى لايىھەسىنى بۇ قېتىمقى يىغىندا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇشنى قارار قىلدى.

  مەخسۇس كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملارنى ئاۋازغا قويۇش چارىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئاۋازغا قويۇشتا نامسىز ئاۋاز بېرىش كۇنۇپكىسىنى بېسىش شەكلى قوللىنىلىپ، سەككىز مەخسۇس كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملار ئىسىملىكى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  تۈرلۈك ئىسىملىكلەر ماقۇللانغاندا، يىغىن مەيدانىدا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش توغرىسىدىكى تەشكىلىي چارىسىگە ئاساسەن، ئومۇمىي يىغىننىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرى تاماملانغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، باش كاتىپى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملار، گوۋۇيۈەننىڭ ھەرقايسى مىنىستىرلىقلىرىنىڭ مىنىستىرلىرى، ھەرقايسى كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرلىرى، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى، باش ئىقتىسادىي تەپتىشى ئايرىم - ئايرىم ھالدا كوللېكتىپ قەسەم بەردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ