خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى، 95-نۆۋەتلىك ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا چولپانلار چاقناپ تۇراتتى، دىققەتكە سازاۋەر بولغان ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال باش رولچى مۇكاپاتىنى 60 ياشلىق ياڭ زىچيۇڭ ئالدى، ئۇ يەنە ئوسكار ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، جۇڭگولۇقلۇقلار پۇشتىدىن بولغان تۇنجى ئارتىس بولۇپ قالدى.
شۇ كۈنى ياڭ زىچيۇڭ ئاق پۆپۈكلۈك ئۇزۇن كۆڭلىكى بىلەن ئوسكار قىزىل گىلىمىدە نامايان بولۇپ، ئوسكار خانىشى مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك نامزاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن تاراتقۇلارنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى. مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى باشلانغاندىن كېيىن، ياڭ زىچيۇڭ باش رول ئالغان «پەيتلىك ئالەم» ناملىق كىنو ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى، ئەڭ ياخشى ئايال يانداش رولچى، ئەڭ ياخشى ئىجادىي سىنارىيە، ئەڭ ياخشى مونتاژ، ئەڭ ياخشى رېژىسسور، ئەڭ ياخشى فىلىم قاتارلىق نۇرغۇن مۇھىم مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.
ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال باش رولچى مۇكاپاتىنى تالىشىش ئىنتايىن كەسكىن بولدى، ئەڭ ئاخىرىدا ياڭ زىچيۇڭ كەيت برلنچېتنى مەغلۇپ قىلىپ، تارىختىكى تۇنجى بولۇپ ئوسكار ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، جۇڭگولۇقلار پۇشتىدىن بولغان ئارتىس بولۇپ قالدى.
مۇكاپات تارقاتقۇچىلار ئۇنىڭ ئىسمىنى ئوقۇغاندا، سەھنە ئاستىدىكى ياڭ زىچيۇڭ ھاياجانلانغان ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەتراپتىكى ئارتىسلار بىلەن قۇچاقلاشتى. ئۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىش تەسىراتلىرىنى بايان قىلغاندا، جىددىيلەشكەنلىكىدىن بىرنەچچە سېكۇنت چوڭقۇر نەپەس ئالدى، بۇ ئۇنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشقان پەيت ئىدى.
دەرۋەقە بۇ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر دەقىقە، شۇنداقلا تارىخنى ياراتقان پەيت بولدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ