مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى!»

ناتىق رىياسەتچى راست گەپ قىلدى

2023.03.16 00:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى!» يېقىندا، ئامېرىكا ناتىقلار كۆرگەزمىسىنىڭ رىياسەتچىسى ۋە سىياسىي ئوبزورچىسى جىممى دور تۇيۇقسىز ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا يازما ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى «توپقا تۇتتى».

  جىممى دور نېمىشقا بۇ گەپنى قىلدى؟ بۇنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ سۇرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش قارارىنى رەت قىلىشىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.

  «ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى!»

  شۇيەر ۋاقتى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى بېلەت تاشلاپ، ئامېرىكىنىڭ ئالتە ئاي ئىچىدە سۇرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلىش قارارىنى رەت قىلدى. بۇ قارارنى فلورىدا ئىشتاتىدىن سايلانغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى مات گايتىس تەشەببۇس قىلغان. ئۇ: سۇرىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى <ئايىغى چىقماس ئۇرۇش پاتقىقى>غا پېتىپ قالدى، ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەدىكى تېررورلۇققا قارشى ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرى چىقمايدۇ»، دەپ قارىدى.

  لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا، پەقەت 103 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بۇ قارارنى قوللىدى. 321 كىشى بۇنىڭغا قارشى چىقىپ، ئەسكەر چېكىندۈرۈش قارارى چىقىرىشقا «بەك بالدۇر»، بولمىسا ھەمراھ قىسىملار «يېتىم قالىدۇ»، دەپ قارىدى.

  ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى بېلەت تاشلاشتىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىشتاب باشلىقلىرى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ رەئىسى مارك مىلى سۇرىيەدىكى ئامېرىكا ئارمىيەسى بازىسىنى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلغاندىمۇ ئوخشاپ كېتىدىغان چۈشەنچە بېرىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسى سۇرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرمەيدۇ، بۇ «ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن»، دەپ ئۆزىنى ئاقلىغان.

  ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى رەت قىلغانلىقىغا قارىتا، ئامېرىكىلىق ناتىق رىياسەتچى ۋە سىياسىي ئوبزورچى جىممى دور ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا، ئاۋام پالاتاسىنىڭ قارارنى رەت قىلغانلىقىغا ئالاقىدار خەۋەرلەرنى تارقاتتى ھەم باھا بېرىپ مۇنداق دېدى:

  «سىلەر ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى داۋراڭ سالغاندا، ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەگە قانۇنسىز تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭلار... سۇرىيەنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلارنى ئىشغال قىلدىڭلار.»

  «ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى!»

  جىممى دورنىڭ سۆزىنى نۇرغۇن تورداشلار بەس-بەستە سۆز قالدۇرۇپ قوللىدى.

  بەزى تورداشلار دەل جايىدا قىلىپ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئامېرىكىنىڭ ئىشغالىيەت ھەرىكىتىنىڭ مەبلىغى ئاممىۋى باجدىن كېلىدۇ؛ بۇلاڭچىلىقتىن خۇسۇسىي مەككار سودىگەرلار مەنپەئەتلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇنلىرى ناھايىتى ئاز باج تاپشۇرىدۇ ياكى تاپشۇرمايدۇ. مىلياردېرلار ھۆكۈمەتكە نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.

  يەنە بەزى تورداشلار جىمى دورنىڭ سۆزىنى تولۇقلىدى. بەزىلەر ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەنىڭ بۇغدايلىقىنى ئىشغال قىلىپ، نۇرغۇن نېفىت ئوغرىلىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكىنىڭ يەنە ئىراق ۋە لىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ