مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلقئارا جەمئىيەت سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قارشى ئالدى، جۇڭگونىڭ ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىنى ئالقىشلىدى

2023.03.16 00:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ قوللىشى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىران 3-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە بېيجىڭدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئىككى دۆلەت بېيجىڭ كېلىشىمى ئىمزالىدى، جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستانى-ئىران ئۈچ تەرەپ قوشما بايانات ئىمزالاپ ۋە ئېلان قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى-ئىران ئىككى تەرەپنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلغانلىقىنى جاكارلىدى، ئۈچ تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىنى قوغداپ، خەلقئارا رايون تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. نۇرغۇن خەلقئارا تەشكىلات ۋە دۆلەتلەر بايانات ئېلان قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلغانلىقىنى قارشى ئالدى، ئۇلارنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىدىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى، جۇڭگونىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇدى.

  ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس بايانات ئېلان قىلىپ، مۇنداق دېدى: سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى پارس قولتۇقى رايونىنىڭ مۇقىملىقىدا ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ جۇڭگونىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈش تىرىشچانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.

  ئەرەب پارلامېنتى بايانات ئېلان قىلىپ، مۇنداق دېدى: كېلىشىم ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ھەمدە ھەل بولماي كېلىۋاتقان كىرىزىسنى تىرىشىپ ھەل قىلىشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداشقىمۇ پايدىلىق.

  پەلەستىن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، مۇنداق دېدى: پەلەستىن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى جۇڭگونىڭ بۇ كېلىشىمنى ھاسىل قىلىشتا ئوينىغان ئاكتىپ رولىغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، كېلىشىمنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئاكتىپ كەيپىيات يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. پەلەستىن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ كېلىشىمنىڭ رايوندىكى ھەل قىلىنماي تۇرۇپ قالغان مەسىلە ۋە كىرىزىسنى ھەل قىلىپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى «ئۇرۇش ئەرۋاھى»نى يوقىتىشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  ئىرانغا ۋاكالىتەن قوشما بايانات ئىمزالىغان ئىران ئالىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ كاتىپى شەمھانى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلدى، بۇ، رايون مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە چوقۇم يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ئۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەتلەرئارا مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش جەھەتتىكى ئىجابىي رولىنى ماختىدى، بۇ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتە زۆرۈر، دەپ قارىدى.

  سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ۋاكالىتەن بىرلەشمە باياناتقا ئىمزا قويغان سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى، قوشۇمچە دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىسى ئېبان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سەئۇدى ئەرەبىستانى ئۆز رايونى ۋە دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى كۈچەيتىشكە كۈچ چىقىرىدۇ ھەمدە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق پىرىنسىپىنى قوللىنىپ، سۆھبەت ۋە دىپلوماتىيە ئارقىلىق ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانى جۇڭگونىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى-ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئىناق قوشنىدارچىلىق دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللىغانلىقىغا ھەمدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈك سۈپىتىدە سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ