مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز جۇڭگونىڭ ئۇكرائىنا يادرو ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن 200 مىڭ ياۋرو ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2023.03.09 23:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: جۇڭگونىڭ ۋيېنادا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى باش ئەلچى لى سۇڭ 3-ئاينىڭ 6-كۈنى ئېچىلغان خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئاپپاراتى كېڭىشى يىغىنىدا، جۇڭگونىڭ ئۇكرائىنا يادرو ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن 200 مىڭ ياۋرو ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. باياناتچى مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرسا بولامدۇ؟

  ماۋ نىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو يادرو بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يادرو بىخەتەرلىكى ساھەسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىققا پائال كۈچ چىقاردى. يېقىندا، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى «دۇنيا خەۋپسىزلىكى تەشەببۇسى ئۇقۇم ھۆججىتى»نى ئېلان قىلىپ، يادرو خەۋپسىزلىكى خەلقئارا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نۇقتىلىق ھەمكارلىق يۆنىلىشىنىڭ بىرى قىلىشنى ئايدىڭلاشتۇردى. جۇڭگو يېقىندا «ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى جۇڭگو مەيدانى»نى ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ تىنچلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يادرو ئەسلىھەلىرىگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ تىنچلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يادرو ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى.

  ماۋ نىڭ مۇنداق دېدى: بىز مۇشۇنداق دەيمىز، تەبىئىي ھالدا مۇشۇنداق قىلىمىز. جۇڭگو تەرەپ خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى ئارقىلىق ئۇكرائىنانىڭ يادرو بىخەتەرلىكىنى قوغداش تېخنىكا ياردىمى تۈرىگە 200 مىڭ ياۋرو ئىئانە قىلىشنى قارار قىلدى، بۇ دەل ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇكرائىنانىڭ يادرو ئەسلىھەلىرى بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىق. جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە ئادىل، ھەمكارلاشقان، ئورتاق پايدا ئالىدىغان خەلقئارا يادرو بىخەتەرلىك سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىز ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى قوللاپ، يادرو بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى تۈپ يىلتىزىدىن تۈگىتىپ، ئۇكرائىنا يادرو ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ