14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى 2 - ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

2023.03.09 10:50 مەنبە: خەلق تورى

  ​شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى​

  لى جەنشۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات بەردى​

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى​

  گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

  3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2 - ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى تاۋ فوتوسى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2 - ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى، يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات ۋە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى، گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2977 كىشى، يىغىنغا قاتناشقانلار 2943 كىشى، قاتنىشالمىغانلار 34 كىشى، قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى لى خۇڭجۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. لى جەنشۇ دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى، 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، بەش قانۇن تۈزدى، توققۇز قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزدى، قانۇن مەسىلىلىرى ۋە مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە ئالاقىدار قاراردىن تۆتنى ماقۇللىدى، بىر قانۇن ئىزاھاتى چىقاردى؛ نازارەتچىلىك خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، بەش قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، 23 نازارەتچىلىك خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە قاراپ چىقتى، مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراشنى قانات يايدۇرۇپ، سەككىز تۈرلۈك مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئېلىپ باردى؛ ۋەكىللەر خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ 487 تەكلىپى، 9349 تەۋسىيەسىنى بېجىردى، جەمئىي 100 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ۋەكىل دائىمىي كومىتېت، مەخسۇس كومىتېت، خىزمەت كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىگە قاتناشتى؛ تاشقى ئىشلار خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى ئىشلەشتە چىڭ تۇردى؛ دۆلەت ئورگىنىدىكى خىزمەتچى خادىملاردىن 393 ئادەم قېتىمنى قانۇن بويىچە تەيىنلىدى، قالدۇردى، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىدا بېكىتىلگەن ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىدى.

  لى جەنشۇ دوكلاتتا مۇنداق دېدى: 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بەش يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان ئۇلۇغ تارىخىي ئۆزگىرىش مەزگىلىگە توغرا كەلدى. دائىمىي كومىتېت «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا يېقىندىن ئەگىشىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىگە زىچ يېقىنلىشىپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىدىن ئىبارەت مۇھىم، زور ئىدىيەنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بارلىق ۋەكىللەرگە يېقىندىن تايىنىپ، قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقى، قارار قىلىش ھوقۇقى، تەيىنلەش - قالدۇرۇش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن شەرەپلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماسلىق، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقتىن ئىبارەت تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى.

  لى جەنشۇ دوكلاتتا مۇنداق دېدى: بەش يىلدىن بۇيان، ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسىنى ماقۇللىدۇق، 47 پارچە قانۇن تۈزدۇق، 111 پارچە قېتىم قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزدۇق، قانۇن ئىزاھاتى، ئالاقىدار قانۇن مەسىلىلىرى ۋە مۇھىم، زور مەسىلىلەر توغرىسىدا 53 پارچە بېكىتمە، قارار چىقاردۇق، قاراپ چىقىلىپ تېخى ماقۇللانمىغان قانۇن لايىھەسى، قارار لايىھەسى 19 پارچە؛ 182 نازارەتچىلىك خىزمىتى دوكلاتى ۋە باشقا دوكلاتلارنى ئاڭلاپ ئۆتتۇق ۋە قاراپ چىقتۇق، 30 قانۇن ۋە قارارنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردۇق، 11 قېتىم مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراش، 33 تۈرلۈك مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردۇق؛ ۋەكىللەر سۇنغان 2282 پارچە تەكلىپ، ۋەكىللەر بەرگەن 43 مىڭ 750 پارچە تەۋسىيەنىڭ ھەممىسىنى بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇردۇق، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ، تەۋسىيەلەرنى بېجىرىش خىزمىتىدىن رازى بولۇش دەرىجىسى %98كە يەتتى؛ 36 تۈرلۈك شەرتنامە ۋە مۇھىم كېلىشىمنى تەستىقلاش ياكى ئۇنىڭغا قاتنىشىشنى قارار قىلدۇق؛ دۆلەت ئورگىنىدىكى خىزمەتچى خادىملاردىن 1515 ئادەم قېتىمنى قانۇن بويىچە تەيىنلىدۇق، قالدۇردۇق. ئاساسلىقى تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردۇق: بىرىنچى، ئاساسىي قانۇننى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولغا قويۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزى ۋە ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغدىدۇق؛ ئىككىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى قانۇن ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى ئىدارە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلدۇق؛ ئۈچىنچى، ئاساسىي قانۇندا خەلق قۇرۇلتىيىغا يۈكلەنگەن نازارەتچىلىك ھوقۇقىنى ياخشى ئىشلىتىپ، توغرا نازارەت قىلىش، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش، قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشنى يولغا قويدۇق؛ تۆتىنچى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ ساداسىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق؛ بەشىنچى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى ئالاقە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلدۇق؛ ئالتىنچى، سىياسىي قۇرۇلۇشنى يېتەكچى قىلىپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتتۇق.

  لى جەنشۇ دوكلاتتا مۇنداق دېدى: بەش يىللىق ئەمەلىيەت بىزنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئىلمىي ئىچكى خاس مەزمۇنى، ئاساسىي ئالاھىدىلىكى ۋە ماھىيەتلىك تەلىپىگە بولغان تونۇشىمىزنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى، ئۇ بولسىمۇ: جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، جەزمەن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم سىياسىي تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىدىن ئىبارەت مۇھىم، زور ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇش، جەزمەن خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش، جەزمەن ئاساسىي قانۇندا بېكىتىلگەن دۆلەتنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى، تەرەققىيات يولى، كۈرەش نىشانىدا چىڭ تۇرۇش.

  بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر يىللىق خىزمەتلەر توغرىسىدىكى تەكلىپتە، لى جەنشۇ مۇنداق كۆرسەتتى: 2023 - يىلى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلانغان يىل، دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدە بىرىنچى، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛ ئىككىنچى، خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىكىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش؛ ئۈچىنچى، ۋەكىللەر خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ تۆتىنچى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى ئالاقىسىنى ياخشى ئىشلەش؛ بەشىنچى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جوۋ چياڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: 2022 - يىلى، مەملىكەت بويىچە سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 18 مىڭ 547 پارچە دېلونى قوبۇل قىلىپ، 13 مىڭ 785 پارچە دېلونى سوتلاپ ئاياغلاشتۇردى؛ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە مەخسۇس خەلق سوت مەھكىمىلىرى 33 مىليون 704 مىڭ پارچە دېلونى قوبۇل قىلىپ، 30 مىليون 810 مىڭ پارچە دېلونى سوتلاپ ئاخىرلاشتۇردى، ئىجرا قىلىپ ئاياغلاشتۇردى، دېلو ئاياغلاشتۇرۇش نىشان سوممىسى 9 تىرىليون 900 مىليارد يۈەن بولدى.

  جوۋ چياڭ دوكلاتىدا مۇنداق بىلدۈردى: بەش يىلدىن بۇيان، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدە يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. بىرىنچى، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىنى قەتئىي قوغدىدى؛ ئىككىنچى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا قانۇن بويىچە مۇلازىمەت قىلدى؛ ئۈچىنچى، قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا ياخشى مېڭىشتا چىڭ تۇردى؛ تۆتىنچى، جەمئىيەت ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇداپىئە لىنىيەسىنى قەتئىي ساقلىدى؛ بەشىنچى، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ۋە ئاقىل سوت مەھكىمىسى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى؛ ئالتىنچى، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سوت مەھكىمىسى پولات قوشۇنىنى بەرپا قىلدى.

  دوكلاتتا، جوۋ چياڭ 2023 - يىللىق خىزمەت توغرىسىدا بەش جەھەتتىن تەكلىپ بەردى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش؛ تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىك ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قانۇن بويىچە مۇلازىمەت قىلىش؛ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش؛ قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوت قىلىش سىستېمىسى ۋە سوت قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش؛ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، سوت مەھكىمىلىرىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوت مەھكىمىسى قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى جاڭ جۈن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: بەش يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك نازارەتچىلىكىدە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار، ھەق تەلەپ، مەمۇرىي، ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋاسىدىن ئىبارەت «تۆت چوڭ تەپتىش خىزمىتى» يېڭى ئەندىزىسىنى ئىجادىي بەرپا قىلىپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن قانۇن نازارەتچىلىكى مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىپ، خەلق تەپتىش ئىشلىرىدا يېڭى ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى. 2018 - يىلىدىن 2022 - يىلىغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى تۈرلۈك دېلودىن 17 مىليون 336 مىڭ پارچىنى بېجىردى، بۇ ئالدىنقى بەش يىلدىكىدىن %40 ئاشتى. 2018 - يىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 2022 - يىلى قوبۇل قىلىپ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىگەن دېلولار %2.8 ئاشتى، بېجىرگەن ھەق تەلەپ، مەمۇرىي، ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋا دېلولىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1.5 ھەسسە، 3.3 ھەسسە ۋە %72.6 ئاشتى.

  دوكلاتتا، جاڭ جۈن ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەرنى ئالتە جەھەتتىن ئەسلەپ ئۆتتى: بىرىنچى، خەۋپسىزلىك، مۇقىملىقنى قوغداپ، پائال تەپتىشلىك ئارقىلىق جۇڭگونى ئىدارە قىلىشقا كۈچ قوشتۇق؛ ئىككىنچى، دىققەتنى ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پائال تەپتىشلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردۇق ۋە تۈرتكە بولدۇق؛ ئۈچىنچى، قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پائال تەپتىشلىك ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەخت - سائادىتىگە كاپالەتلىك قىلدۇق؛ تۆتىنچى، دەۋا نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، پائال تەپتىشلىك ئارقىلىق قانۇن يۈرگۈزۈش ئادىللىقىنى قوغدىدۇق؛ بەشىنچى، ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋاسىنى كېڭەيتىپ، پائال تەپتىشلىك ئارقىلىق ئاممىۋى مەنپەئەتنى قوغدىدۇق؛ ئالتىنچى، تەپتىشنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پائال تەپتىشلىك ئارقىلىق قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قوشۇننى تاۋلاپ چىقتۇق.

  جاڭ جۈن دوكلاتتا 2023 - يىللىق خىزمەت توغرىسىدا مۇنداق تەكلىپ بەردى: بىرىنچى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش؛ ئىككىنچى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش؛ ئۈچىنچى، قانۇنچىللىق كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش؛ تۆتىنچى، قانۇن نازارەتچىلىكى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ بەشىنچى، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ ئالتىنچى، ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان تەپتىش پولات قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ قاراپ چىقىشقا سۇنغان گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى توغرىسىدىكى تەكلىپتە مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيى ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنى «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى لايىھەسى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللاپ، ئۇنىڭدىكى گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىغا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشقا قوشۇلدى. ھازىر «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى لايىھەسى»گە ئاساسەن شەكىللەنگەن «گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى»نى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنىمىز.

  گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى شياۋ جيې گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى. شياۋ جيې ئىزاھاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپىسى، ئۇنىڭ مۇھىم نۇقتىسى پەن - تېخنىكا، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، سانلىق مەلۇمات باشقۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، ياشانغانلار خىزمىتى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئاپپاراتلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە تەڭشەشنى كۈچەيتىش، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت.

  بۇ قېتىمقى گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ كونكرېت مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقىنى قايتا تەشكىللەپ قۇرۇش؛ دۆلەت پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنى تەشكىللەپ قۇرۇش؛ يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ جۇڭگو ئاكسىيە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتىنى گوۋۇيۈەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپارات قىلىپ تەڭشەش؛ جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ تارماق ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش؛ دۆلەت پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش تارماقلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملارنى بىرتۇتاش قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ دۆلەت سانلىق مەلۇمات ئىدارىسىنى تەشكىللەپ قۇرۇش؛ يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەلالاشتۇرۇش؛ ياشانغانلار خىزمىتى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسىنى گوۋۇيۈەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپارات قىلىپ تەڭشەش؛ مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خادىملار ئىشتاتىنى ئىخچاملاش. يۇقىرىقى لايىھە بويىچە تەڭشەلگەندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىدىن باشقا، گوۋۇيۈەن تەسىس قىلغان تەركىبىدىكى تارماق يەنىلا 26 بولىدۇ.

  يىغىن ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن ۋاڭ نىڭ، ليۇ يىلياڭ، ليۇ نىڭ، لى شيۇلىڭ، چېن گاڭ، جېڭ شەنجيې، نى يۆفېڭ، جىڭ جۈنخەي، لوۋ ياڭشېڭ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ