شى جىنپىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

​يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك

2023.03.07 09:32 مەنبە: خەلق تورى

  3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆزى تۇرۇشلۇق 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە. جەزمەن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە بولغان ئىچكى بىرلىك ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىگىلەش، تەرەققىياتنى ئۆلچەش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ جەزمەن سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، سۈپەت ئېڭىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، سۈپەتنى جان دەپ بىلىپ، يۇقىرى سۈپەتنى ئىنتىلىش قىلىش كېرەك؛ جەزمەن قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشى ئارقىلىق سۈپەت ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تۈزۈلمە مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك؛ جەزمەن خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تۇرمۇش سۈپىتىگە ئايلاندۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كەلگەندە، نەق مەيداندا قىزغىن ئالقىش ياڭرىدى.

  جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشى ئەستايىدىل بولدى، كەيپىيات قىزغىن ئىدى. شۈ كۇنلىن، ليۇ چىڭ، شەن زېڭخەي، ۋېي چياۋ، جاڭ دادۇڭ، ۋۇ چىڭۋېن قاتارلىق ئالتە ۋەكىل ئايرىم - ئايرىم ھالدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشىغا مۇلازىمەت قىلىش، رايونلار ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش، قەتئىي تەۋرەنمەي ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە قاراپ ئاتلىنىش، يېڭى دەۋردە ياخشى «يېڭىچە دېھقان»لاردىن بولۇش، پارتىيە ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ياخشى باشلامچىلاردىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ ئارىلاپ سۆز قىلىپ، كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

  كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ ئۆتكەندىن كېيىن، شى جىنپىڭ سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، جياڭسۇنىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، جياڭسۇنىڭ داۋاملىق ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا داۋاملىق ئالدىنقى قاتاردا مېڭىپ، «ئىقتىسادى كۈچلۈك، خەلقى باي - باياشات، مۇھىتى گۈزەل، جەمئىيەت مەدەنىيلىك دەرىجىسى يۇقىرى» بولغان يېڭىچە جياڭسۇنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشتە ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇقەررەر يول. كەسكىن خەلقئارا رىقابەتتە، بىز تەرەققىياتتا يېڭى ساھەلەر، يېڭى مۇسابىقە يوللىرىنى ئېچىپ، تەرەققىياتتا يېڭى قۇۋۋەت، يېڭى ئۈستۈنلۈك يارىتىشىمىز كېرەك، تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا، يەنىلا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش - چىقالماسلىقىمىزدىكى ئاچقۇچ پەن - تېخنىكىدا ئۆزىمىزگە تايىنىش، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا قاراشتا. «تۆتكە يۈزلىنىش»تە چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش - تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇر ھەمكارلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كۈچەپ مۇھىم، زور پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىملارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئەسلىي ئىجادىيەت خاراكتېرلىك، يېتەكچى خاراكتېرلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشىغا مەدەت بېرىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردىكى قىيىن مەسىلىلەردە تىرىشىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، نۇقتىلىق ساھە، ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا مۇستەقىل تىزگىنلىگىلى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پەن - تېخنىكا تىپىدىكى تايانچ كارخانىلارنىڭ يېتەكچىلىك، تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن - تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يەرشارىۋى تەسىر كۈچكە ئىگە بولغان كەسىپلەر پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنى كۈچەپ بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، پەن - تېخنىكا باھالاش سىستېمىسى ۋە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىدىغان ئىختىساسلىقلارنىڭ ھەممە كارامىتىنى كۆرسىتىشى، تالانتىنى تولۇق نامايان قىلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتا. ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپكە قايتا ئاساس سېلىش ۋە مۇھىم، زور تېخنىكا - جابدۇق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ سەرخىل، ئاقىل، يېشىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك ئۆلكىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىسادنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش تەلىپى بويىچە، نۇقتىلىق ساھەلەر ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ ئاساسى، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاپ، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم، بىخەتەر تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كەسىپنى گۈللەندۈرۈشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ بىلىپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ زەنجىرىنى پائال ئۇزارتىپ ۋە كېڭەيتىپ، يېزىلاردا يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك. بازار، كەنتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىرىك پىلانىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراق مۇھىتىنى تۈزەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. پەن - تېخنىكا ۋە ئىسلاھاتتىن ئىبارەت ئىككى چاقنى تەڭ قوزغىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىچە يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتى ۋە ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېزىلاردا مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ھاياتىي كۈچ قوشۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى، تىنچ - ئامانلىقى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى. ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ۋە خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش بەرپا قىلىشتىكى ئۇل قۇرۇلۇش، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر جەزمەن قەلبىدە چىڭ ساقلاپ، ھەر ۋاقىت چىڭ تۇتۇپ، پۇختا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىك قىلىدىغان ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دائىرىلىك باشقۇرىدىغان، ئىنچىكە مۇلازىمەت قىلىدىغان، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تىرەك قىلغان ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سۇپىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر - يېزا مەھەللىلىرى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنى ئىشىك ئالدىدىكى ئەلا مۇلازىمەت ۋە ئىنچىكە باشقۇرۇش بىلەن تەمىنلەش كېرەك. يېڭى دەۋر «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زىددىيەت، ماجىرالارنى ئاساسىي قاتلامدا ۋاقتىدا تۈگىتىش، بىخ ھالىتىدە تۈگىتىش كېرەك. خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ياردەم قىلىش - يۆلەش، كىرىم تەقسىماتىنى تەڭشەش، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، «ياشانغانلار ۋە بالىلار» مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. يېڭى باسقۇچتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، «B تۈردىكى يۇقۇمنى B تۈر بويىچە باشقۇرۇش»قا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى سەھىيە، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، داۋالاش مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى پۇختا زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇشتىن كېيىنكى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇشنى مۇستەھكەم، كۈچلۈك سىياسىي يېتەكچىلىك ۋە سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

  سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ