مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكىنىڭ 2022- مالىيە يىلىدا قورال-ياراغ سېتىش سوممىسى %50كە يېقىن ئاشتى

2023.01.29 14:04 مەنبە: خەلق تورى

  ئۇكرائىنا كىرىزىسى ئامېرىكىنىڭ 2022-مالىيە يىلىدا قورال-ياراغ سېتىش سوممىسىنىڭ تېز ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

  ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2022- مالىيە يىلىدا (2021- يىل 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 2022- يىل 9- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە) ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەت ۋە رايونلارغا قورال-ياراغ سېتىش سوممىسى ئالدىنقى مالىيە يىلىدىكىگە قارىغاندا %50 كە يېقىن ئاشقان، بۇنىڭدىكى مۇھىم سەۋەب ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ كەسكىنلىشىشى ئىكەن.

  ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى 25-چېسلا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقاقارىغاندا، 2022-مالىيە يىلىدا گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەلگە قورال-ياراغ سېتىش ئومۇمىي سوممىسى 51 مىليارد 900 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئالدىنقى مالىيە يىلىدىكى 34 مىليارد 800 مىليون دوللاردىن %49.1 ئاشقان.

  سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشچە، 2022- مالىيە يىلىدا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسىنى ھۆددىگە ئالغۇچى سودىگەرلەرنىڭ باشقا دۆلەت ۋە رايونلارغا بىۋاسىتە ساتقان قورال-ياراغ ۋە ھەربىي ئەسلىھەلىرىگە ھوقۇق بېرىش ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 153 مىليارد 700 مىليون دوللار بولۇپ، ئالدىنقى مالىيە يىلىدىكى 103 مىليارد 400 مىليون دوللاردىن %48.6 ئۆرلىگەن. 2022-مالىيە يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، گوۋۇيۈەن قارىمىقىدىكى دۆلەت مۇداپىئە سودىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدە تىزىمغا ئالدۇرغان دۆلەت مۇداپىئەسى سودا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەمەلىي گەۋدىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 14 مىڭ 445 كە يېتىپ، ئالدىنقى مالىيە يىلىدىكىگە قارىغاندا سەل كۆپەيگەن. ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى بىۋاسىتە سودىدىكى ھەربىي قورال ياراغ سېتىش سوممىسىنىڭ تېز كۆپىيىشىنى ئاساسلىقى رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىدا ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنانى قوللىغانلىقىدىن، دەپ قارىدى ھەمدە قورال-ياراغ ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە دۆلەت مۇداپىئە سودىسىنى ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ مۇھىم قوراللىرى دەپ جار سالدى.

  ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 25-چېسلا يېڭىلىغان ئۇكرائىناغا ھەربىي ياردەم بېرىش تىزىملىكىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 2- ئايدىن ھازىرغىچە، ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىناغابەرگەن ھەربىي ياردىمىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 27 مىليارد 100 مىليون دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ