خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسى تورىنىڭ رەسمىي ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، 12-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 1 دىن 16 مىنۇت ئۆتكەندە قىرغىزىستان (شىمالىي كەڭلىك 41.88 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 79.56 گىرادۇس) دا 5.4 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر بولغان.
شىنجاڭدىكى نۇرغۇن جايلاردىكى ئاممىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئاقسۇ شەھىرى، ئونسۇ ناھىيەسى، باي ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا يەر تەۋرەش سېزىمى كۈچلۈك بولغان، ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى دەرھال يىغىلغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ