مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مېسسى دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىنمەيدىغانلىقىنى، دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇق سالاھىيىتى بىلەن داۋاملىق مۇسابىقىگە چۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2022.12.20 23:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ قاتار دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پوتبول مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم بەرگەندىن كېيىن، مېسسى ئۆزىنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىنمەي، دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پوتبول مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونلۇق سالاھىيىتى بىلەن داۋاملىق مۇسابىقىلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن مېسسى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئاخىرىدا مېسسى كوماندا باشلىقى سالاھىيىتى بىلەن قاتار دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.

  ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە مېسسى ئىككى توپ كىرگۈزۈپ، ئىككى تۈردە دۇنيا لوڭقىسى رېكورتىنى ياراتتى. ئۇ دۇنيا لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگىچە ھەر بىر باسقۇچتا توپ كىرگۈزگەن تۇنجى توپچى بولۇپلا قالماي، يەنە 26 قېتىم مەيدانغا چىقىپ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ توپچى بولدى. مېسسى بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە يەتتە توپ كىرگۈزۈپ ئۈچ قېتىم پاس بېرىپ، دۇنيا لوڭقىسى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  مېسسى مۇسابىقىدىن كېيىن مۇنداق دېدى: «مەندە ئىلگىرى بۇ چېمپىيونلۇق كەمچىل ئىدى، ھازىر ئۇ كەلدى. بۇ ئەڭ گۈزەل ئىش، كۈچتۈڭگۈرلەر لوڭقىسىغا قاراڭ، ئۇ نېمىدېگەن گۈزەل. بۇ چېمپىيونلۇققا ئېرىشىشنى بەكلا ئويلايتتىم، بۇ مېنىڭ بالىلىقتىكى ئارزۇيۇم ئىدى.»

  «مەن دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونى بولۇپ كەسپىي ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرماقچى، بۇ بەك گۈزەل ئىش بولدى. كېيىن يەنە نېمە لازىم دېسىڭىز، مەن تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى تەلەپ قىلسام بولمايدۇ.»

  بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئەسلىگەندە، مېسسى ئۆزىنىڭ سەپداشلىرى بىلەن نۇرغۇن ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا چېمپىيون بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئارگېنتىناغا قايتىپ بېرىپ، دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ كىشىنى نەقەدەر ئەسەبىيلەشتۈرىدىغانلىقىنى كۆرۈشكە تەقەززا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

  مېسسى يەنە ئىجتىمائىي ئالاقە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا نۇرغۇن كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئائىلەمدىكىلەرگە كۆپ رەھمەت، مېنى قوللىغان بارلىق كىشىلەرگە رەھمەت، بىزگە ئىشەنگەن بارلىق كىشىلەرگە رەھمەت. بىز يەنە بىر قېتىم شۇنى بىلدۈردۇقكى، بىز بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ جەڭ قىلغاندا، ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ ھەرقانداق نىشانىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىقتىدارى بار. تۆھپە بۇ كوللېكتىپقا مەنسۇپ، ئۇ شەخستىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، بۇ ھەممىمىزنىڭ ئوخشاش بىر ئارزۇ ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىدىكى كۈچ-قۇۋۋەت، شۇنداقلا بارلىق ئارگېنتىنالىقلارنىڭ ئارزۇسى... بىز قىلالىدۇق!»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ