خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى كەچ سائەت 17 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە 2022-يىللىق قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئەل بايت توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا «ھاياتلىق لوڭقىسى» «Waka Waka» قاتارلىق ھەر نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ناخشىلىرى يەنە بىر قېتىم ياڭراپ، قۇت بەلگىلىرى قايتا نامايان قىلىندى.
كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ساليوتلار ئىچىدە، تۆت يىلدا بىر كېلىدىغان پۇتبول كاتتا مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى.
32 دۆلەت كوماندىسى پۇتبول دۇنياسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەھنىسىگە يىغىلدى، ئۇلار كەلگۈسىدىكى 28 كۈندە، 64 مەيدان مۇسابىقىدە ئارزۇسىدىكى چېمپىيونلۇق لوڭقىسى ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ.
دۇنيا لوڭقىسى ئاخىرى كەلدى، قېنى بىللە كۆرەيلى!
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ