مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئارگېنتىنادا تۇنجى قېتىم «دەرىجىدىن تاشقىرى زەمبۇرۇغ» بىلەن يۇقۇملانغان بىمار بايقالدى

2022.11.04 11:18 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 2- چېسلا، ئارگېنتىنا سەھىيە مىنىستىرلىقى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مەزكۇر دۆلەتنىڭ پايتەختى بۇئېنوس-ئايرېس شەھىرىدە يېقىندا «دەرىجىدىن تاشقىرى زەمبۇرۇغ» (ئىلمىي نامى قۇلاق يولى ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغى) بىلەن يۇقۇملانغان ئىككى بىمار بايقالغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ئارگېنتىنادا تۇنجى قېتىم بۇنداق يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ بايقىلىشى.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: يۇقۇملانغۇچى ئىككەيلەن ئەر، يېشى 72 ياش ۋە 75 ياش، 10-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋە 28 -كۈنى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، بۇئېنوس ئايرېس شەھىرىدىكى ئوخشىمىغان ئىككى دوختۇرخانىدا تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغاندا، بەدەن سۇيۇقلۇقىدا «دەرىجىدىن تاشقىرى زەمبۇرۇغ» بايقالغان. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىككى بىمار ئېنىق دىياگنوز قويۇلۇشتىن بۇرۇن، ئۆزئارا ئۇچرىشىپ باقمىغان، ئۇلارنىڭ بىرى چەت ئەلدىن ئارگېنتىناغا قايتىپ دوختۇرخانا يۆتكىلىپ داۋالانغان ئېغىر بىمار. ھازىر بۇ ئىككىيلەن ئايرىپ داۋالانماقتا. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «دەرىجىدىن تاشقىرى زەمبۇرۇغ» دىن يۇقۇملىنىپ ئۆلۈپ كېتىشنىڭ نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، ئاساسلىقى بۇلغانغان مۇھىت ياكى يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ. دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك بىمارلىرى ۋە ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەر يۇقۇملىنىش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر توپى. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇنداق زەمبۇرۇغلارنىڭ ياشاش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، ئادەتتىكى دېزىنفېكسىيە ئۇسۇلى بىلەن ئۆلتۈرۈش ناھايىتى تەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە زەمبۇرۇغقا قارشى كۆپ خىل دورىلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان رولى چوڭ ئەمەس. ئەڭ ياخشى مۇداپىئە-تىزگىن ئۇسۇلى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلارنى ئايرىپ، يۇقۇملىنىش زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار ئۇچراشقان مۇھىتنى قايتا - قايتا دېزىنفېكسىيە قىلىش. نۆۋەتتە، ئارگېنتىنانىڭ دۆلەت دەرىجىلىك ۋە بۇئېنوس-ئايرېس شەھىرىدىكى يەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن مۇداپىئەلىنىش ئاپپاراتلىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەر جىددىي يىغىن ئېچىپ، كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بولغان «دەرىجىدىن تاشقىرى زەمبۇرۇغ» يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش -تىزگىنلەش ئەھۋاللىرىنى تەتقىق قىلدى.

  «دەرىجىدىن تاشقىرى زەمبۇرۇغ 2009- يىلى ياپونىيەدە تۇنجى قېتىم بايقالغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن يۇقۇملىنىپ ئۆلۈش نىسبىتى %60 كە يېتىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدىغان زەمبۇرۇغلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەر شارىدىكى 40 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندا «دەرىجىدىن تاشقىرى زەمبۇرۇغ» بىلەن يۇقۇملانغانلار بايقالغان. 2012-يىلىدىن بۇيان، ئامېرىكا، بىرازىلىيە، چىلى، پېرۇ ۋە كولومبىيە قاتارلىق ئامېرىكا قىتئەسى رايونىدىكى دۆلەتلەر بۇنداق يۇقۇملانغانلارنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى دوكلات قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ