رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى يادرو ئۇرۇشىنىڭ يۈز بېرىشىنى توسۇش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى
2022.11.04 11:17 مەنبە: خەلق تورى
شۇ يەر ۋاقتى 11- ئاينىڭ 2- كۈنى، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى يادرو ئۇرۇشىنىڭ يۈز بېرىشىنى توسۇش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: رۇسىيە يەر شارىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقىنى قوغداشنى قوللايدۇ، يادرو ئۇرۇشىنىڭ يۈز بېرىشىنى توسۇشقا قەتئىي، داۋاملىق كۈچ چىقىرىدۇ. چۈنكى يادرو ئۇرۇشىدىن ھېچكىم نەپ ئالالمايدۇ. رۇسىيەنىڭ بۇ ساھەدىكى پوزىتسىيەسى ئىنتايىن ئېنىق، يادرو قورالى پەقەت مۇداپىئەگىلا ئىشلىتىلىدۇ، بۇنى زىيادە زىغىرلاپ كەتمەسلىك كېرەك. رۇسىيە پەقەت كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا ياكى ئادەتتىكى قوراللارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى تەھدىتكە ئۇچرىغاندا يادرو قورالى ئىشلىتىدۇ. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، ئالدى بىلەن ھەل قىلىشقا تېگىشلىكى يادرو چوڭ دۆلەتلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ