مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى تۇنجى قېتىم ئېتىراپ قىلدى

2022.11.03 10:26 مەنبە: خەلق تورى

  رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىدىن بۇيان، ئامېرىكا كۆپ قېتىم ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ روسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يېقىندا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئوكرائىنا چېگراسىغا بەش كىلومېتىر كېلىدىغان رومىنىيە چېگراسى ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

  ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 10-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي خادىملىرىنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسى ئىچىگە كىرگەنلىكىنى دەلىللىگەن. بۇ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارىنىڭ ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرىنىڭ ئۇكرائىنادا ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم رەسمىي ئېتىراپ قىلىشى.

  بەش بۇرجەكلىك بىنادىكى نام-شەرىپىنى دېيىشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارنىڭ ئاشكارلىشىچە، بۇ قىسىمغا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ جۈنجياڭى گارىك خارمون باشلامچىلىق قىلغان بولۇپ، ئۇكرائىنادىكى ئاساسلىق ۋەزىپىسى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ئۇكرائىناغا يۆتكەپ كەلگەن قوراللارنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش ئىكەن. ئۇ بۇ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ كونكرېت ئورنى ۋە ئادەم سانىنى ئاشكارىلىمىدى، پەقەت ئالاقىدار تەكشۈرۈش ھەرىكىتى ئالدىنقى سەپكە يېقىنلاشمايدۇ دېدى.

  ئامېرىكا كولومبىيە رادىيو شىركىتىنىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ 101- پاراشوتچىلار شىسىدىكى 4700 دىن ئارتۇق ئادەم رومىنىيە چېگراسى ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، شۇ چاغدا ئۇكرائىنا چېگراسىغا بەش كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا مەشىق قىلىۋاتقان ئىكەن، بۇ 80 يىلدىن بۇيان بۇ قوشۇننىڭ تۇنجى قېتىم ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بولغان. بۇ پاراشوتچىلار شىسىنىڭ قوماندانى ھەتتا ئەگەر ئۇرۇش ئەۋجىگە چىقسا ياكى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، ئۆزلىرىنىڭ چېگرانى كېسىپ ئۆتۈپ ئۇكرائىناغا كىرىشكە تەييارلىنىپ بولغانلىقىنى جاكارلىدى.

  بەزى تورداشلار ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى مەسخىرە قىلىپ مۇنداق دېيىشتى: «ئەگەر ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنادا ئىكەنلىكى راست بولسا، ئامېرىكا ئافغانىستان ئۇرۇشىدىن ھېچقانداق ساۋاق ئالماپتۇ».

  يەنە بىر تورداش ئامېرىكىنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىگە «ئوت يېقىش» قىلمىشىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى:«ئەگەر غەربنىڭ قوراللىرى ئۇكرائىناغا ئۈزۈلمەي يەتكۈزۈلمىگەن بولسا، توقۇنۇش نەچچە ئاي بۇرۇنلا ئاخىرلاشقان بولاتتى.»

  كانادانىڭ نوپۇزلۇق ئاخبارات خادىمى ئاتكىنسمۇ سۆھبەتلىشىش رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى دەپ قارىدى. ئەمما ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى نۆۋەتتىكى خەلقئارا تەرتىپ ۋە ئۆز مەنپەئەتىنى ئاساس قىلىپ، توقۇنۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىنى ئانچە خالاپ كەتمىدى. كورتىس ئاتكىنس مۇنداق دېدى: «غەربتىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئۇكرائىناغا تېخىمۇ كۆپ قورال يەتكۈزۈشنى توختىتىشى كېرەك، چۈنكى بۇ توقۇنۇشنىڭ داۋاملىشىشىغا ياردەم بېرىدۇ».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ