مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئاتا-ئانام قەيەردە؟»

ئامېرىكىدا يۇقۇم سەۋەبلىك يىتىم قالغان 200 مىڭ بالا ئۇنتۇلدى

2022.05.06 21:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا «ئاتلانتىك ئوكيان ئايلىق ژۇرنىلى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدا 18 ياشتىن تۆۋەن يېتىم بالىلار ئىچىدە ھەر 12 ئادەمنىڭ بىرى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى سەۋەبىدىن ھامىيسىدىن ئايرىلىپ قالغان؛ ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى ھەر بىر مەكتەپتە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى بالا يۇقۇم سەۋەبىدىن بىر ھامىيسىدىن ئايرىلىپ قالغان. ئامېرىكا كېسەللىكنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ بۇلتۇر 10-ئايدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا ھەر تۆت نەپەر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى ئۆلۈپ كەتسە، بىر بالا ئانىسى، دادىسى ياكى بوۋا-مومىسىدىن ئايرىلىپ قالىدىكەن.

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېتىم بالىلارنىڭ دورىنى قالايمىقان ئىشلىتىش، ئوقۇشتىن چېكىنىش ۋە نامراتلىققا پېتىپ قېلىش خەۋپى شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاشتى. ئۇلارنىڭ ئۆلۈۋېلىش ئېھتىماللىقى يېتىم ئەمەس بالىلارنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ بولۇپ، يەنە باشقا ھەر خىل مەسىلىلەرنىڭ ئازابىغا ئۇچرىشى مۇمكىن. ھازىرغىچە، ئامېرىكىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 1 مىليونغا يېقىنلاشتى، «يۇقۇم سەۋەبلىك يېتىم قالغان بالىلار»نىڭ سانى 200 مىڭغا يەتتى. ھالبۇكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «يۇقۇم سەۋەبلىك يېتىم قالغان بالىلار» مەسىلىسىگە قارىتا مەركەزلىك تەدبىر قوللانمىدى، ئاقساراي يېقىندا ئېلان قىلغان ئەسلەتمىدىمۇ مۈجمەل گەپ قىلدى.

  ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ يۇقۇم مۇداپىئەسىگە ئەھمىيەت بەرمەي، ئاممىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ھەم جىددىي ياردەمگە موھتاج بولغان «يۇقۇم سەۋەبلىك يېتىم قالغان بالىلار» توپىغا پەرۋا قىلمىدى.

  ئامېرىكىدىكى بۇ ئۇنتۇلغان «يۇقۇم سەۋەبلىك يېتىم قالغان بالىلار»غا قاراپ، كىشىلەر ئىختىيارسىز ھالدا ئامېرىكا بالىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى قەيەردە؟ دەپ سورىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ