مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ

ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتىنى تەھلىل قىلدى، مۇھاكىمە قىلدى «دۆلەتنىڭ <14 - بەش يىل> مەزگىلىدىكى ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات يىرىك پىلانى»نى قاراپ چىقتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2022.05.05 11:16 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتىنى تەھلىل قىلدى، مۇھاكىمە قىلدى، «دۆلەتنىڭ <14 - بەش يىل> مەزگىلىدىكى ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات يىرىك پىلانى»نى قاراپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىلەن ئەسىر يۇقۇمى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كۈچلۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشىدە تەكشى، مۇقىم باشلىنىشنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى. نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئۇكرائىنا كىرىزىسى خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇھىتىنىڭ مۇرەككەپلىكى، كەسكىنلىكى، ئېنىقسىزلىقى ئېشىپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش يېڭى خىرىسقا دۇچ كەلدى. ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش ئىنتايىن مۇھىم. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور سىياسەت - فاڭجېنلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش كېرەك، بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېنىق تەلىپى. ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىش ۋە تارقىلىش يېڭى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغداپ، يۇقۇمنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ماكرولۇق سىياسەتنى تەڭشەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىقتىسادنى پۇختا مۇقىملاشتۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى كۆزلىمە نىشاننى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. بېكىتىلگەن سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، باج قايتۇرۇش، باج كېمەيتىش، ھەق تۆۋەنلىتىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ياخشى يولغا قويۇپ، تۈرلۈك پۇل سىياسىتى قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. مىقدارنى ئاشۇرۇش سىياسىتى قورالىنى چىڭ تۇتۇپ پىلانلاپ، ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەش - تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، نىشان يۆنىلىشىدىكى سىياسەتنىڭ ئالدىن پىلانلىنىشى ۋە ئېشىنچا دەرىجىسىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك. ئىچكى ئېھتىياجنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يەر، ئېنېرگىيە ئىشلىتىش، مۇھىت باھالاش قاتارلىق كاپالەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك. ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىغا بولغان يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بازار سۇبيېكتلىرىنى خاتىرجەم قىلىش كېرەك، يۇقۇمنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان ساھەلەر، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەرگە قارىتا قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئائىت بىر قاتار ياردەم بېرىش - يۆلەش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئېنېرگىيە بايلىقى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. ھەقىقىي تۈردە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، مۇھىم خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرى بىلەن تەمىنلەشنى ياخشى تەشكىللەپ، شەھەرنىڭ يادرولۇق ئىقتىدارىنىڭ ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنى مۇقىم تىزگىنلەپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتناش ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كارخانىلىرى، ئاچقۇچلۇق ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: نۇقتىلىق خەۋپ - خەتەرنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇپ، تىزگىنلەپ، سىستېمىلىق خەۋپ - خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاش كېرەك. تۇرالغۇنى ئولتۇرۇشقا ئىشلىتىش، سودا ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇۋالماسلىقتىن ئىبارەت ئورۇن بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ئۆي - زېمىن سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىنى قوللاپ، مۇتلەق خاراكتېرلىك ۋە ياخشىلاش خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى قوللاپ، تاۋار ئۆينى ئالدىن سېتىش مەبلىغىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۆي - زېمىن بازىرىنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بازار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇپ، پاي چېكى تارقىتىشنى تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى پائال كىرگۈزۈپ، كاپىتال بازىرىنىڭ تەكشى، مۇقىم يۈرۈشۈشىنى ساقلاش كېرەك. سۇپا ئىقتىسادىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۇپا ئىقتىسادىنى مەخسۇس تۈزەشنى تاماملاپ، دائىملىق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، سۇپا ئىقتىسادىنىڭ ئۆلچەملىك، ساغلام تەرەققىياتىنى قوللايدىغان كونكرېت تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات چارىسى ئارقىلىق تەرەققىيات داۋامىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىپ، كۈچلۈك ھەم ئېلاستىكلىققا ئىگە خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ تىجارەت - سودا بىلەن شۇغۇللىنىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش قاتارلىق تەلەپلىرىگە پائال جاۋاب قايتۇرۇپ، تاشقى سودا ۋە تاشقى مەبلەغنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار خىزمەت جەريانىدا «دائىم غېمىدە بولۇش»تىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدا بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، تۈرلۈك «قارا قۇ»، «كۈل رەڭ كەركىدان» ۋەقەلىرىنىڭ يۈزبېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتلەر كەڭ كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «دۆلەتنىڭ <14 - بەش يىل> مەزگىلىدىكى ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات يىرىك پىلانى»نى تۈزۈش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت، مەركەز ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت تەدبىر، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم مەخسۇس يىرىك پىلان. پارتىيەنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئىختىساسلىقلارنى ھەر تەرەپلىمە يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈش، ياخشى ئىشلىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرما، پەلەمپەيسىمان ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا مۇھىم ئىختىساسلىقلار مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى يۇقىرى ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلار ئېگىزلىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىشى كېرەك. يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلار مەركەزلەشكەن بىر قىسىم مەركىزىي شەھەرلەر كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىدىغان ۋە توپلايدىغان سۇپىنى كۈچەپ قۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك تىرەك نۇقتىسى ۋە ياۋا غاز سېپى ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىشى كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك ئالىملارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، ئىشلىتىپ، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان زور بىر تۈركۈم پەن - تېخنىكا باشلامچى ئىختىساسلىقلىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپلىرىنى بەرپا قىلىپ، كۆلىمى زور بولغان ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلىپ، زور بىر تۈركۈم كۆزگە كۆرۈنگەن ئىنژېنېرلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى ئاساسىي تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرىنى قوللاش، يېتىشتۈرۈشكە قويۇپ، ئۇلارنى ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم مەدەت ۋە كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار ئۈچۈن ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان سۇپا ھازىرلاپ بېرىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش خىزمەت ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدىكى مۇھىم، زور تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، پائال تۈردە ئادەم ئىشلەتكۈچى سۇبيېكتلار ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئىختىساسلىقلارغا قارىتىلغان سىياسىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش ۋە سىياسىي جەھەتتىن قوبۇل قىلىشنى كۈچەيتىپ، كەڭ ئىختىساسلىقلارنى پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش، كەسىپنى قەدىرلەپ تۆھپە قوشۇش، ۋەتەننى قەلبكە پۈكۈش، خەلققە مۇلازىمەت قىلىشقا يېتەكلىشى كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ