مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

2022.05.05 11:14 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

  پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 9 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

  ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: پەن - تېخنىكا ئىشلىرى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىدا باشتىن - ئاخىر ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلدى. دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى مىقدار جۇغلانمىسىدىن سۈپەت ھالقىشقا، نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن سىستېما ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئاتلانماقتا. مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، جەزمەن دۇنيا پەن - تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىپ، ئىقتىساد ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجىغا يۈزلىنىپ، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا يۈزلىنىپ، دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، دۆلەتنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئەسلىي ئىجادىيەت خاراكتېرلىك، يېتەكچى خاراكتېرلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. ئاساسىي تەتقىقاتتا دادىل ئىزدىنىپ، ئەسلىي ئىجادىيەتنى گەۋدىلەندۈرۈش، تېخىمۇ مۇھىمى ئەمەلىي قوللىنىشنى يېتەكچى قىلىپ، بوغما ھالەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش، «گالنى بوغىدىغان» تېخنىكىلارنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى ۋە تېخنىكا قائىدىسىنى پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ جىددىي، ئەڭ تەخىرسىز مەسىلىلەرگە يۈزلىنىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى بىلەن كەسىپ زەنجىرىنى يۇغۇرۇشتا، ئاچقۇچ كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى بېكىتىشتە. كۆپ پەنلەر يۇغۇرۇلغان زامانىۋى قۇرۇلۇش ۋە تېخنىكا ئىلمىي تەتقىقاتىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، مۇكەممەل بولغان زامانىۋى پەن - تېخنىكا سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلەت تەجرىبىخانىلىرى، دۆلەت پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقات تىپىدىكى داشۆلەر، پەن - تېخنىكا باشلامچى كارخانىلىرىنىڭ ھەممىسى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئاڭلىق ھالدا يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش بۇرچى، مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىش كېرەك.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پەن - تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشنى قوللايدىغان ئاساسىي تۈزۈمنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا يېڭى تىپتىكى پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى تەشكىللىگۈچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. باھالاش تۈزۈمى قاتارلىق ئاساسىي ئىسلاھاتلارنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۈپەت، ئۈنۈم، تۆھپىنى يادرو قىلغان باھالاش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. تېخىمۇ زور جاسارەت بىلەن پەن - تېخنىكىنى باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە پەن تەتقىقات خادىملىرىنى مۇرەككەپ، زۆرۈرىيىتى يوق تۈزۈلمە - مېخانىزم ئاسارىتىدىن ئازاد قىلىش كېرەك. مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا تۈرلىرىدە تۈر تۇرغۇزۇش ۋە تەشكىللەش، باشقۇرۇش شەكلىنى ئىسلاھ قىلىپ، «قابىللار باشلامچى بولۇش»، «بەيگىگە چۈشۈش» قاتارلىق تۈزۈملەرنى يولغا قويۇپ، ھەقىقىي قابىلىيەت ۋە ئەمەلىي بىلىمگە ئىگە پەن - تېخنىكا خادىملىرى قەھرىمانلىرىنى قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرالايدىغان ئورۇنغا ئىگە قىلىش كېرەك!

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئېچىۋېتىلگەن، يېڭىلىق يارىتىدىغان ئېكولوگىيە بەرپا قىلىپ، يەرشارىۋى پەن - تېخنىكا ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭىلىق يارىتىشنى يەرشارىۋى نەزەر بىلەن پىلانلاش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يەرشارىۋى پەن - تېخنىكا ئىدارە قىلىشقا چوڭقۇر قاتنىشىپ، جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتىنى بېغىشلاپ، جۇڭگو پەن - تېخنىكىسىنى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك!

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يەرشارىۋى ئىختىساسلىقلار ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ياش ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپى ئالىملارنى يېتىشتۈرۈپ چىقالايدۇ، بىزدە مۇشۇنداق ئىشەنچ بولۇش كېرەك! پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش پەن - تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ۋاقىت سەرپ قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ۋاقىتقا كاپالەتلىك قىلىش يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى قوغدىغانلىقتۇر! پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئاساسىي زېھنىنى پەن تەتقىقاتقا قويۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىدىغان كاپالەت مېخانىزمى بەرپا قىلىش كېرەك.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ دۆلەت كوماندىسى بولۇشتەك ئىلمىي يېتەكچىلىك رولى، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش رولى، يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئاقىللار ئامبىرىلىق فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى بىلەن ئالاقە باغلاشتىكى كۆۋرۈكلۈك ۋە ۋاسىتىلىك مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئۇيۇشتۇرۇشى كېرەك. كەڭ ئاكادېمىكلارنىڭ ۋەتەننى قەلبكە پۈكۈش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى، ھەقىقەتكە ئىنتىلىش، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى، ئىلىم ئەخلاقىدا چىڭ تۇرۇش، ئىلىم تەتقىق قىلىشتا ئەستايىدىل ۋە ئېھتىياتچان بولۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى، ئۆز مەنپەئىتىدىن كېچىپ باشقىلارغا ياردەم بېرىش، كېيىنكىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ