مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ شەرقىي تېمورنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان خورتاغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2022.05.05 11:10 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  5 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جوسى راموس خورتاغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ شەرقىي تېمور دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن شەرقىي تېمور دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 20 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى، بۇ چوڭ - كىچىك دۆلەتلەر ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ جانلىق كارتىنىسى. مەن جۇڭگو - شەرقىي تېمور مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ خورتا بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو - شەرقىي تېمورنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشتەك ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ