مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 38 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى

دۆلىتىمىز كاپىتالىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، كاپىتالنىڭ مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش ئامىلى بولۇشتەك ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

2022.05.05 11:12 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن دۆلىتىمىز كاپىتالىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇش ۋە يېتەكلەش توغرىسىدا 38 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: كاپىتال سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش ئامىلى، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا كاپىتالنىڭ تەرەققىياتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە يېتەكلەش ھەم مۇھىم، زور ئىقتىسادىي مەسىلە، شۇنداقلا مۇھىم، زور سىياسىي مەسىلە، ھەم مۇھىم، زور ئەمەلىيەت مەسىلىسى، شۇنداقلا مۇھىم، زور نەزەرىيە مەسىلىسى، ئۇ، سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە ئورتاق بېيىشقا مۇناسىۋەتلىك، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك. جەزمەن يېڭى دەۋر شارائىتىدا دۆلىتىمىزدىكى تۈرلۈك كاپىتال ھەم ئۇنىڭ رولىغا بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كاپىتالنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۇنىڭ مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش ئامىلى بولۇشتەك ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  جۇڭگو خەلق داشۆسىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى، پىروفېسسور ليۇ يۈەنچۇن بۇ مەسىلە توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش بېرىپ، خىزمەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم مۇزاكىرە قىلدى.

  شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدە، بىز ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئوخشاش بولمىغان مەزگىلدىكى ئاساسلىق ۋەزىپىلەرنى چىقىش قىلىپ، كاپىتالغا بولغان تونۇشىمىزنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كاپىتالنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى قېلىپلاشتۇرىدىغان ۋە يېتەكلەيدىغان فاڭجېن - سىياسەتلەر ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدەندۇق. پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بىز مۈلۈكچىلىك مەسىلىسىدىكى ئەنئەنىۋى قاراشنىڭ ئاسارىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كاپىتال مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش ئامىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى قورالى، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى شەكىل ۋە ۋاسىتە، سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرمۇ تۈرلۈك كاپىتالدىن پايدىلىنىپ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا بولىدۇ دەپ قاراپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدىكى ئىگىلىك ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان، ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، كۆپ خىل تەقسىمات شەكلى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى قاتارلىق سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمنى پەيدىنپەي تۇرغۇزدۇق، قىلچە تەۋرەنمەي ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، قىلچە تەۋرەنمەي ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىش، مەدەت بېرىش، يېتەكلەشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق ھەم ئۇنىڭدا چىڭ تۇردۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇردۇق ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈردۇق، ھەم «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»نى يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاساسىي تەدبىرىگە كىرگۈزۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىر تۈرلۈك زور سىياسەت - فاڭجېنى سۈپىتىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بېكىتتۇق. بىز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك كاپىتالنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق بولغان بازار مۇھىتى ۋە قانۇنچىللىق مۇھىتى يارىتىشنى تەكىتلىدۇق. بىز مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش، كاپىتالنىڭ تەرتىپسىز كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش، بازاردىكى ئادىل رىقابەتنى قوغداشنى يەنىمۇ كۈچەيتتۇق. بىز پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشكە كۈچەپ، ئىقتىسادنىڭ ئەمەلىيەتتىن چەتنەپ مەۋھۇملۇققا يۈزلىنىش خاھىشىنى يېڭىپ، ناچار مۈلۈك خەۋپ - خەتىرى، كۆپۈك خەۋپ - خەتىرى قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق ھەل قىلدۇق. بىز سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلدۇق. بىزنىڭ كاپىتالنىڭ خۇسۇسىيىتىگە بولغان چۈشەنچىمىز تەدرىجىي چوڭقۇرلاشتى، كاپىتالنىڭ رولىغا بولغان تونۇشىمىز تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك بولۇشقا يۈزلەندى، كاپىتالنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىگىلىشىمىز تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، كاپىتالنىڭ ئايلىنىشىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىمىز ئۈزلۈكسىز ئۆستى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلىتىمىزدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، كاپىتال يەر، ئەمگەك كۈچى، تېخنىكا، سانلىق مەلۇمات قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرى بىلەن بىرلىكتە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى، تۈرلۈك كاپىتالنىڭ ئاكتىپ رولىنى جەزمەن تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك. ھازىرقى باسقۇچتا، دۆلىتىمىزدە دۆلەت كاپىتالى، كوللېكتىپ كاپىتال، پۇقراۋى كاپىتال، چەت ئەل كاپىتالى، ئارىلاشما كاپىتال قاتارلىق تۈرلۈك شەكىلدىكى كاپىتال مەۋجۇت ھەم كۆلىمى كۆرۈنەرلىك ئېشىش، سۇبيېكتى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىشىش، ئايلىنىش سۈرئىتى تېزلىشىش، خەلقئارا كاپىتال كۆپلەپ كىرىش قاتارلىق روشەن ئالاھىدىلىكلەر بارلىققا كەلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جەزمەن پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، مەسىلە يۆنىلىشى، سىستېمىلىق تەپەككۇردا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، ئۇزاق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، راۋانلاشتۇرۇش بىلەن توسۇشنى بىرلەشتۈرۈش، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىك، ئۈنۈم بىلەن ئادىللىق، ھاياتىي كۈچ بىلەن تەرتىپ، دۆلەت ئىچى بىلەن خەلقئارانى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كاپىتالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك كاپىتالنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بازار ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىش، خەلقئارا رىقابەتكە قاتنىشىشتىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنى باشتىن - ئاخىر خەلق ۋە دۆلەت مەنپەئىتىگە بويسۇندۇرۇپ ۋە مۇلازىمەت قىلدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر شارائىتىدا كاپىتال نەزەرىيەسىگە ئائىت تەتقىقاتنى كۈچەيتىش كېرەك. سوتسىيالىزم تۈزۈمى شارائىتىدا كاپىتالنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى قانداق قېلىپلاشتۇرۇش ۋە يېتەكلەش يېڭى دەۋردىكى ماركسىزملىق سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىقتا جەزمەن تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىسى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، كاپىتالغا مۇئامىلە قىلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئىجابىي، سەلبىي ئىككى تەرەپتىكى تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا كاپىتال نەزەرىيەسىگە ئائىت تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، تۈرلۈك كاپىتالنىڭ ياخشى تەرەققىياتى، ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، جەمئىيەت بايلىقىنى يارىتىش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدە مەۋجۇت بولغان تۈرلۈك كاپىتال ھەم ئۇنىڭ رولىنى تارىخ، تەرەققىيات، دىيالېكتىكا نۇقتىسىدىن تونۇش ۋە ئىگىلەش كېرەك. سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىدە، كاپىتال تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى توپلاش، تەقسىملەشكە تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ۋاسىتە، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم كۈچ بولۇپ، كاپىتالنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەزمەن شۇنى تونۇپ يېتىش كېرەككى، كاپىتال پايدا قوغلىشىش ماھىيىتىگە ئىگە، ئەگەر ئۇنى قېلىپلاشتۇرمىغاندا ۋە چەكلىمىگەندە، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۆلچەرلىگۈسىز خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ. بىز مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان شەكىلدىكى كاپىتاللار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، خاراكتېر جەھەتتىن پەرقلەندۈرۈپ، ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك كاپىتالنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى قېلىپلاشتۇرۇشىمىز ۋە يېتەكلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كاپىتال بىلەن مەنپەئەت تەقسىماتى مەسىلىسىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دۆلەت خاراكتېرى بىزنىڭ جەزمەن ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش، كۆپ خىل تەقسىمات شەكلى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي تەقسىماتتا خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈشىمىزنى بەلگىلىگەن. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقى ۋە دەسلەپكى تەقسىماتنىڭ ئادىللىقىغا ئەھمىيەت بېرىش ھەم كاپىتالنىڭ ئىجتىمائىي تەقسىماتقا قاتنىشىپ كۆپىيىشى ۋە راۋاجلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىشنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى قوغداشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق ئورتاق بېيىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كاپىتال بازىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ كاپىتال بازىرى ئاساسىي تۈزۈمىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كاپىتال بازىرىنىڭ ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك كاپىتالنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ بوشلۇق ھازىرلاپ بېرىش كېرەك. مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئادىل رىقابەتلىشىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئادىل رىقابەتنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك بازار توسۇقلىرىنى تۈگىتىپ، تۈرلۈك كاپىتالنى پۇرسەت باراۋەر بولۇش، ئادىل كىرىش، تەرتىپلىك رىقابەتلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئىقتىساد تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك بازار مۇھىتى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ خەلقئارا كاپىتالنى دۆلىتىمىزگە مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىش كېرەك. دۆلىتىمىز كاپىتالى ۋە كارخانىلىرىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىنى قوللاش ۋە ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كاپىتالنىڭ تەرەققىياتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە يېتەكلەش كېرەك. «قىزىل - يېشىل چىراغ» تەسىس قىلىپ، كاپىتالنىڭ تەرەققىياتىغا دائىر قانۇن - تۈزۈمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، رامكىسى تولۇق، لوگىكىسى ئېنىق، تۈزۈمى مۇكەممەل بولغان قائىدە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، توختامنى قوغداش، بازارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، باراۋەر ئالماشتۇرۇش، ئادىل رىقابەتلىشىش، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارنى چىقىرىش، ئۆزگەرتىش، بىكار قىلىش، چۈشەندۈرۈشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. كاپىتال بازىرىغا كىرىش ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، بازار ئىجازىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازار ئىجازىتى تىزىملىكىنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە دەللىكىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كاپىتال ھەرىكىتىگە دائىر تۈزۈم، قائىدىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مونوپوللۇققا ۋە ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇشنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجراسىنى كۈچەيتىپ، بازارنىڭ يېتەكچى ئورنىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش قاتارلىق مونوپول قىلىش ۋە ناتوغرا رىقابەتلىشىش قىلمىشلىرىغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىش كېرەك. مەدەنىي، ساغلام، يۇقىرى ئۆرلەشكە ئىنتىلىدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان سەمىمىي مەدەنىيەتنى يېتىلدۈرۈپ، كاپىتال سۇبيېكتلىرىنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، ئىناۋەتكە، ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىپ، جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، توغرا يولدا مېڭىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كاپىتالنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كاپىتالنى ئىدارە قىلىشنىڭ قاراتمىلىقى، ئىلمىيلىكى، ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىشتىن بۇرۇن يېتەكلەش، ئىش داۋامىدا ئالدىنى ئېلىش، ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش جىپسىلاشقان پۈتۈن زەنجىرلىك كاپىتال ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن بويىچە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، ئادىل نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، مەنبەدىن نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، دەل جايىدا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، ئىلمىي نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، كاپىتالنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. قانۇن - نىزاملاردا ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇلمىغان بولسا، «كىم تەكشۈرۈپ تەستىقلىسا، شۇ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، كىم مەسئۇل بولۇپ باشقۇرسا، شۇ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش» پىرىنسىپى بويىچە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تەۋەلىك بويىچە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك، يەرلىك ئورۇنلار تەۋەلىك بويىچە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ساھەلەرنى تۈزەش ۋە ئۇنىۋېرسال تۈزەشتىكى ئىش تەقسىملەپ ھەمكارلىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساھەلەرنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، رىقابەتنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتا ماس ھالدا بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى كۈچەيتىش كېرەك. سىستېمىلىق خەۋپ - خەتەر ئېلىپ كېلىش ئېھتىمالى بولغان نۇقتىلىق ساھە ۋە نۇقتىلىق ئوبيېكتلارنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئىدارە قىلىشتىكى ئالدىن كۆرەرلىك ۋە سەزگۈرلۈك دەرىجىسىنى كۈچەيتىپ، خەۋپ - خەتەرنى بايقىغان ھامان بالدۇر بىر تەرەپ قىلىش، بالدۇر تۈگىتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كاپىتال ساھەسىدە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، ھوقۇققا تايىنىپ كاپىتال پايدىسىنى قوغلىشىش قىلمىشىغا قەتئىي زەربە بېرىپ، كاپىتال تەرتىپسىز كېڭىيىش، سۇپىنى مونوپول قىلىۋېلىش قاتارلىقلارنىڭ ئارقىسىدىكى چىرىكلىك قىلمىشلىرىنى كۈچەپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كاپىتالنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە يېتەكلەش پارتىيە ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشتىكى مۇھىم مەزمۇن. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، كاپىتالنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، سىياسەت تەشۋىقاتى ۋە كۆزلىمە يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، سىستېمىلىق خەۋپ - خەتەر يۈز بېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ