مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

رۇسىيە ياپونىيە باش ۋەزىرى قاتارلىق 63 كىشىنىڭ رۇسىيەگە كېلىشىنى مەڭگۈ چەكلىگەنلىكىنى جاكارلىدى

2022.05.05 11:59 مەنبە: خەلق تورى

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 4-چېسلا تور بېكىتىدە بايانات ئىلان قىلىپ، ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا، ئىچكى كابىنېت باش كاتىپى ماتسۇنوبو، دىپلوماتىيە ۋەزىرى خاياشى يوشىماسا قاتارلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 63 نەپەر ياپونىيەلىكنىڭ رۇسىيەگە كېلىشىنى مەڭگۈ چەكلىگەنلىكىنى جاكارلىدى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ياپونىيە ھۆكۈمىتى رۇسىيەگە قارشى ھەرىكەت قوزغاپ، رۇسىيەگە قارىتىلغان قوبۇل قىلغۇسىز سۆزلەرنى بايان قىلىشقا رۇخسەت قىلىپ، رۇسىيەگە تۆھمەت چاپلىدى ۋە بىۋاسىتە تەھدىت سالدى، ياپونىيە داڭدارلىرى، مۇتەخەسسىسلىرى ۋە تاراتقۇلىرى بۇنى قوللىدى. ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى رۇسىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادى ۋە خەلقئارادىكى ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان. يۇقىرىقى ئەھۋاللار ۋە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيە پۇقرالىرىغا يۈرگۈزگەن شەخسىي جازاسىنى كۆزدە تۇتۇپ، رۇسىيە قىسمەن ياپونىيەلىكنىڭ رۇسىيەگە كېلىشىنى مەڭگۈ چەكلەشنى قارار قىلدى.رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا ئېلان قىلىنغان تىزىملىكتە يەنە ياپونىيە مالىيە ۋەزىرى سۇزۇكى شۇنىچى، مۇداپىئە ۋەزىرى نوبىيو كىشى قاتارلىق ئەمەلدارلار ھەمدە «ئىقتىساد خەۋەرلىرى»، «يومىئۇرى خەۋەرلىرى» قاتارلىق ياپونىيەدىكى كۆپلىگەن ئاخبارات ئاپپاراتلىرىنىڭ خادىملىرى، مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئالىملار بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ