مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ب د ت ئاياللار ئورنى كومىتېتىنىڭ 66- نۆۋەتلىك يىغىنى دىققەتنى جىنسىي باراۋەرلىك ۋە ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە مەركەزلەشتۈردى

2022.03.15 14:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت ئاياللار ئورنى كومىتېتىنىڭ 66-نۆۋەتلىك يىغىنى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى نيۇيوركتىكى ب د ت باش ئىشتابىدا ئېچىلدى، بۇ نۆۋەتلىك يىغىننىڭ باش تېمىسى «كىلىمات ئۆزگىرىشى، مۇھىت ۋە ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش سىياسىتى ۋە تۈرى جەھەتتە جىنسىي باراۋەرلىك ھەمدە ئاياللار ۋە قىز بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش» تىن ئىبارەت.

  ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جىنسىي كەمسىتىش يەر-زېمىن ئىگىدارلىقى ۋە رەھبەرلىك ئورنى جەھەتتە ئاياللارنىڭ نىسبىتىنى ئازايتىۋېتىش مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يەر ئىشلىتىش، بۇلغىنىش، مۇھىت ئاسراش ۋە كىلىمات ھەرىكىتى توغرىسىدىكى تەدبىرلەردە ئاياللارنىڭ ئېھتىياجى ۋە مەنپەئەتىگە دائىم سەل قارالدى. «ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»، «كيوتو كېلىشىمنامىسى» ۋە «پارىژ كېلىشىمى» رامكىسىدىكى تەدبىر بەلگىلەش ئورنىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئاياللار ئۈستىگە ئالغان، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇھىت مىنىستىرلىرى ئىچىدە ئاياللار ئاران % 15 نى ئىگىلىگەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئاياللارنى چەتكە قاقىدىغان ۋە ئاياللارنىڭ ئاۋازىنى باسىدىغان ئاتىلىق ھوقۇق تۈزۈمىنىڭ نەتىجىسى يەنىلا تۈگىتىلگىنى يوق، بارلىق كىشىلەر چوقۇم ئاياللار ئۈچۈن ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ، جىنسىي باراۋەرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جىنس باراۋەرلىكى ۋە ئاياللار ھوقۇقى ھازىرقى جەمئىيەت ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە ماس كېلىدىغان يېڭى ئىجتىمائىي شەرتنامىنىڭ يادروسى بولۇشى كېرەك.

  76-نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىنىڭ رەئىسى شاھىد سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى : 76-نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىنىڭ رەئىسلىرىدىن ئاران تۆتى ئايال، ب د ت نىڭ باش كاتىپىلىق ۋەزىپىسىنى ئىزچىل ئەرلەر ئۈستىگە ئېلىپ كەلدى. جىنس باراۋەرلىكى ۋە ئاياللار ھوقۇق-مەنپەئەتى جەھەتتە، ب د ت پۈتۈن دۇنيادا ئالتۇن ئۆلچەم يولغا قويماسلىقنى مۇراجىئەت قىلىۋاتقاندا، ئۆزلىرى ب د ت سىستېمىسىدا بۇ ئۆلچەمنى يولغا قويسا بولمايدۇ. شاھىد كېيىنكى نۆۋەتلىك ب د ت نىڭ باش كاتىپىلىقىنى ئاياللارنىڭ ئۈستىگە ئېلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  ب د ت ئاياللار ئورنى كومىتېتى ب د ت ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي كېڭىشىدىكى توققۇز ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ بىرى بولۇپ، دۇنيا مىقياسىدا جىنسىي باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىشكە كۈچ چىقىرىپ، ھەر يىلى بىر قېتىم يىغىن ئاچىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك يىغىن 3-ئاينىڭ 25- كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ