خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئوباما 13-چېسلا ئۆزىنىڭ يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ مۇسبەت چىققانلىقىنى ئېيتتى.
ئوباما شۇ كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا يېقىندىن بۇيان گېلىنىڭ قىچىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن باشقا ئەھۋاللار يوقلىقىنى ئېيتقان. ئوباما ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مىشېل يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىرۇسى ۋاكسىنىسى ۋە كۈچەيتىش ۋاكسىنىسىنى ئەملەن بولغان بولۇپ، مىشېلنىڭ يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىروسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي چىققان.
ئوباما 1961-يىلى تۇغۇلغان، 2009-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغان.ئامېرىكا جونس خوپكىنس داشۆسى ئېلان قىلغان يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىرۇسى يۇقۇم ئەھۋالى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 3-ئاينىڭ13-كۈنىگە قەدەر ئامېرىكىدا جەمئىي 79 مىليون 500 مىڭ بىمار يېڭىدىن بايقالغان بولۇپ، 970 مىڭغا يېقىن بىمار قازا قىلغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ