مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ياپونىيەنىڭ سابىق خوجىلىق ۋەزىرى تاكايى چىسانايى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ لىدېر سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2021.09.10 12:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10 - سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- سېنتەبىر، ياپونىيەنىڭ سابىق خوجىلىق ۋەزىرى تاكايى چىسانايى پارلامېنتتا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ لىدېر سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلاپ، سابىق دىپلوماتىيە ۋەزىرى كىشىدا فۇمىئودىن كېيىن ئىككىنچى بولۇپ پارتىيە ئىچىدىكى 20 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ بىرلەشمە كۆرسىتىشىگە ئېرىشكەن ھەمدە لىدېر سايلىمىنىڭ رەسمىي نامزاتى بولغان.

  شۇ جايدىكى جامائەت پىكرىنىڭ مۇنازىرىسىگە قارىغاندا، تاكايى چىسانايى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىدىكى ھەرقانداق بىر ئېقىمغا تەۋە ئەمەس، ئۇنىڭ سىياسىي ئىدىيەسى سابىق باش ۋەزىر ئابى شىنزو بىلەن يېقىنلاشقانلىقتىن، ئابى شىنزونىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئەگەر تاكايى چىسانايى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ لىدېرلىقىغا سايلانسا، ياپونىيىدىكى تۇنجى ئايال باش ۋەزىر بولۇپ قالىدۇ.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى سايلامغا قاتنىشىش ئارزۇسى بار ياپونىيە مەمۇرىي ئىسلاھات ۋەزىرى كونو تارو بىلەن ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ مۇۋەققەت باش ئىش بېجىرگۈچىسى نودا يوشىھىكومۇ 20 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ بىرلەشمە كۆرسىتىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ