مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دى دى سەپەر سۇپىسى كەسپى قازاقىستاندا كېڭەيتىلدى

2021.05.17 19:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۆچمە سەپەرگە چىقىش مۇلازىمەت سۇپىسى دى دى سەپەر سۇپىسى يېقىندا قازاقىستان بازىرىغا كىردى.

  بۇ شىركەت 14-ماي ئېلان قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 5-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ دى دى سەپەر سۇپىسى قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتان ۋە جەنۇبتىكى ئەڭ چوڭ شەھەر ئالمۇتادا تاكسى شىركىتى ۋە شوپۇرلارغا ئېچىۋېتىلگەن، بۇ يىل يازدىن باشلاپ ئىككى شەھەردە ماشىنا چاقىرىش مۇلازىمىتى يولغا قويۇلىدىكەن.

  دى دى سەپەر سۇپىسى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى يېڭى بازىرىنىڭ مەسئۇلى جۇ خېنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قازاقىستان تاكسى بازىرىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولۇپ، قازاقىستاندا دى دى ماشىنا چاقىرىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇش شىركەتنىڭ خەلقئارا بازار كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىرى ئىكەن. قازاقىستان − دى دى سەپەر سۇپىسى ياۋروپا-ئاسىيا بازىرىدا تەرەققىي قىلىۋاتقان تۆتىنچى دۆلەت.

  نۆۋەتتە، دى دى سەپەر سۇپىسى دۇنيادىكى 15 دۆلەت ۋە رايوندا توردا كېلىشىپ ئاپتوموبىل چاقىرىش، ئاپتوموبىل ۋە ۋېلىسىپىت ئىجارىگە بېرىش، ئاپتوموبىلدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ