مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ ئىتالىيە زۇڭلىسى دېلاجى بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.05.18 13:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18 - ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 17- ماي چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدە تەكلىپكە بىنائەن ئىتالىيە زۇڭلىسى دېلاجى بىلەن تېلېفونلاشتى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى چوڭقۇر تارىخىي جۇغلانمىغا ۋە مۇستەھكەم مەنپەئەت رىشتىگە ئىگە. بۇلتۇردىن بېرى، ئىككى تەرەپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشتەك خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىدە پائال ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو ئىتالىيە بىلەن سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە ئېنىرگىيە ساھەلىرىدىكى، ھەمدە كېلىمات ئۆزگۈرۈشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. كېلەر يىللىق جۇڭگو - ئىتالىيە مەدەنىيەت ساياھەت يىلى بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. 20 دۆلەت گۇرۇھى رامكىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو - ئىتالىيە مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىتتىپاق ۋە گۈللەنگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى بولسا، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، كۆپ تەرەپچىللىكنى قوللاش ۋە ئەركىن سودىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم كۈچ. مەن ئىككى تەرەپنىڭ چوڭ يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، ئېچىۋېتىش ھالىتىدە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا سۆھبەتلىشىپ كېڭىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو - ياۋروپا ھەمكارلىقى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ، شۇڭا، ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو - ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى بالدۇرراق ئىمزالىنىشى ۋە كۈچكە ئىگە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مەن ئىتالىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام ۋە مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە داۋاملىق ئاكتىپ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  دېلاجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىتالىيە ئىتالىيە - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھەمدە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە، ئىككى تەرەپنىڭ مۇھىم ھەمكارلىق تۈرلىرىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە، ئاۋىياتسىيە، ئىقتىساد - سودا، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېلەر يىلقى ئىتالىيە - جۇڭگو مەدەنىيەت - ساياھەت يىلىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ ئىتالىيەنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رەئىس دۆلىتى بولۇش خىزمىتىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ئىشلاردىكى ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىقىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق خىرىسلارغا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ياۋروپا - جۇڭگو مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇش، شۇڭا، ئىتالىيە تەرەپ سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق كېيىنكى مۇساپىنى بالدۇرراق ئالغا سىلجىتىشنى قوللايدۇ. خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ