شى جىنپىڭ جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش داۋاملاشما قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش قۇرۇلۇشى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، قۇرۇلۇش يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي ئالغا سىلجىتىپ، سۇ بايلىقىدىن تۈجۈپىلىك، تېجەشلىك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

خەن جېڭ قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2021.05.17 19:28 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خېنەن ئۆلكىسىنىڭ نەنياڭ شەھىرىدە جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش داۋاملاشما قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش قۇرۇلۇشى ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك، ئۇزاق كەلگۈسى تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار ۋە راۋان بولغان دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈپ، جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سۇ بايلىقىنىڭ كۈچلۈك تىرەك بولۇشىغا موھتاج. جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش قۇرۇلۇشى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپى بويىچە، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بوشلۇق تەڭپۇڭ بولۇش، سىستېمىلىق تۈزەش، ئىككى قولدا كۈچەشتىن ئىبارەت سۇ تىزگىنلەش تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەتەن ئېھتىياجلىق، ئېكولوگىيەسى بىخەتەر، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان مۇھىم، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى دەلىللەش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، مەۋقەنى ئېقىن رايونى ئومۇمىي گەۋدىسى ۋە سۇ بايلىقى بوشلۇقىنى تەكشى، تەڭپۇڭ تەقسىملەشكە قويۇپ، قۇرۇلۇش يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي ئالغا سىلجىتىپ، سۇ بايلىقىدىن تۈجۈپىلىك، تېجەشلىك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  سۆھبەت يىغىنىدا، سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لى گويىڭ، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ، جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لوۋ چىنجيەن، خېنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ گوشېڭ، تيەنجىن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى خۇڭجۇڭ، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سەي چى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۇنخۇا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى.

  كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سۇ ھاياتلىقنىڭ ئاساسى، مەدەنىيلىكنىڭ مەنبەسى. قەدىمدىن تارتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي سۇ ئەھۋالى ئىزچىل يازدا كەلكۈن كېلىدىغان، قىشتا قۇرۇپ كېتىدىغان، شىمالدا قىس، جەنۇبتا مول بولىدىغان، سۇ بايلىقىنىڭ ۋاقىت، بوشلۇق بويىچە تارقىلىشى ئىنتايىن تەڭپۇڭسىز ھالەتتە ئىدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيەمىز رەھبەرلىك قىلىپ كەڭ كۆلەملىك سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇردى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سۇ ئاپىتى زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش، سۇ بايلىقىنى تېجەش، سۇ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش - ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سۇ مۇھىتىنى تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئېقىن رايونى ھالقىغان، رايون ھالقىغان بىر تۈركۈم مۇھىم، زور سۇ باشلاش - يۆتكەش قۇرۇلۇشلىرىنى بەرپا قىلدى. جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش − ئېقىن رايونى ھالقىپ، رايون ھالقىپ سۇ بايلىقىنى تەقسىملەشتىكى تايانچ قۇرۇلۇش. جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەشنىڭ شەرقىي لىنىيەسى، ئوتتۇرا لىنىيەسىنىڭ 1 - قارارلىق ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى پۈتۈپ سۇ باشلانغاندىن بۇيان، جەمئىي 40 مىليارد كۇب مېتىردىن ئارتۇق سۇ يۆتكەلدى، بۇنىڭدىن بىۋاسىتە نەپكە ئېرىشكەن نوپۇس 120 مىليون كىشىگە يېتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تەدبىرى تامامەن توغرا.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش قاتارلىق مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلارنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن بىز مۇھىم، زور ئېقىن رايونى ھالقىپ سۇ يۆتكەش زور قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشتا قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىدۇق. بىرىنچى، پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قىسمەنلىك پۈتۈن ۋەزىيەتكە بويسۇنۇپ، يەرلىك مەركەزگە بويسۇنۇپ، بايلىق تەقسىملەشنى مەركەز قاتلىمىدىن ئومۇميۈزلۈك ئەلالاشتۇردۇق. ئىككىنچى، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىپ، مەركەز قاتلىمىدىن بىرتۇتاش تۈرتكە بولۇپ، مەبلەغ، يەر ئىشلىتىش قاتارلىق قۇرۇلۇش مۇھىم ئامىللىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، كاپالەتلەندۈرۈپ، كۆچۈرۈلگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىدۇق. ئۈچىنچى، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، لايىھەنى ئىلمىي، ئېھتىياتچانلىق بىلەن دەلىللەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا ئەھمىيەت بەردۇق، بۇنىڭدا ھەم ئادەمنىڭ تەبىئەت ئۈستىدىن غالىب كېلىشىگە ئەھمىيەت بەردۇق، ھەم ئادەم بىلەن سۇنىڭ ئىناق ئۆتۈشىگە ئەھمىيەت بەردۇق. تۆتىنچى، بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېتەكچىلىك قىلىپ، چاڭجياڭ دەرياسى، خۇەيخې دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسى، خەيخې دەرياسىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئېقىن رايونىنىڭ سۇ بايلىقى ئەھۋالىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەرقايسى ئالاقىدار رايونلار ۋە ساھەلەرنىڭ ئېھتىياجىغا تەڭ ئېتىبار بەردۇق. بەشىنچى، سۇ تېجەش، بۇلغىنىشنى تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاۋۋال سۇ تېجەش، ئاندىن سۇ يۆتكەش، ئاۋۋال بۇلغىنىشنى تۈزەش، ئاندىن سۇ قويۇپ بېرىش، ئاۋۋال مۇھىتنى قوغداش، ئاندىن سۇ ئىشلىتىشتە چىڭ تۇردۇق. ئالتىنچى، سۇنى توغرا، دەل جايىدا يۆتكەپ، سۇ تەقسىملەش لايىھەسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ تۈزۈپ، سۇ مەنبەسىدىن تارتىپ سۇ ئىشلەتكۈچىلەرگىچە بولغان جەرياندا دەل جايىدا تەڭشەش - ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتتۇق. داۋاملاشما قۇرۇلۇشنى پىلانلاش، قۇرۇش جەريانىدا بۇ تەجرىبىلەردىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سۇ يۆتكەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى داۋاملىق ئىلمىي ئالغا سىلجىتىپ، سۇ تېجەشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش، سۇ بايلىقىنىڭ قاتتىق چەكلىمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئالدىنقى شەرتىدە، ئېھتىياج بىلەن تەمىنلەشنى باشقۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ كۈچەيتىش كېرەك. بىرىنچىدىن، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، سىستېما نەزەرىيەسىنىڭ ئىدىيەۋى ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىپ، سۇ مەنبەسىنى ئېچىش بىلەن ئېقىننى تىزگىنلەش، ساقلانما مىقدار بىلەن ئېشىش مىقدارى، ۋاقىت بىلەن بوشلۇقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىككىنچىدىن، قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سۇ بايلىقىنىڭ ئۇزاق كەلگۈسىدىكى تەمىنات - تەلەپ يۈزلىنىشى، رايونلارغا جايلىشىشى، قۇرۇلما ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىپ، ئىگىلەپ، قۇرۇلۇش كۆلىمى ۋە ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىنى ئىلمىي بېكىتىپ، تەرەققىيات بىلەن قوغداش، پايدىلىنىش بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنىڭ تۆۋەن چېكىدىن قەتئىي ھالقىپ كەتمەسلىك كېرەك. ئۈچىنچىدىن، سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سۇ تېجەشنى سۇ قوبۇل قىلىدىغان رايونلارنىڭ تۈپ چىقىش يولى قىلىپ، سۇ تېجەش خىزمىتىنى ئۇزاق مەزگىل چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، سۇ بايلىقىنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئاساسەن شەھەر بوشلۇقى ئورۇنلاشتۇرمىسى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، نوپۇس كۆلىمىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. تۆتىنچىدىن، تېجەشلىك، مۇۋاپىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قۇرۇلۇشقا مەبلەغ سېلىش ۋە ئۈنۈمنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كۆپ لايىھەنى سېلىشتۇرۇپ دەلىللەشنى كۈچەيتىپ، يېرى ئېلىنغان كۆچۈرۈلگەنلەرنىڭ سانىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش كېرەك. بەشىنچىدىن، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇمنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، چاڭجياڭ دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسى قاتارلىق چوڭ دەريالارنىڭ سۇ مەنبەسىنى ئاسراش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىپ، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش قۇرۇلۇشى لىنىيەسى بويىدىكى سۇ بايلىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، سۇ يەتكۈزۈش لىنىيەسى بويىدىكى رايونلار ۋە سۇ قوبۇل قىلىش رايونلىرىدا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنى سىجىل ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئالتىنچىدىن، دۆلەت سۇ تورى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى نىشان قىلىپ، سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئېقىن رايونىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ساقلانما مىقدار بىلەن ئېشىش مىقدارىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت سۇ تورىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ۋە چوڭ تومۇرىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنى كۈچلۈك سۇ بىخەتەرلىكى كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش قۇرۇلۇشى ئومۇمىي يىرىك پىلانى»نىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىغا 20 يىلغا يېقىن ۋاقىت بولدى، بۇنىڭغا نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ يۈرەك قېنى ۋە ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇشۇ يىللاردا دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، شەھەر - بازارلىشىش سەۋىيەسى قاتارلىقلار كۆرۈنەرلىك ئۆستى، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەردى، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق رايون مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىرى ئارقا - ئارقىدىن يولغا قويۇلدى، دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى ئاساسلىق دەريالار، بولۇپمۇ خۇاڭخې دەرياسىدىن ئېقىپ كېلىدىغان قۇم مىقدارى تېزدىن ئازىيىپ كېتىش، يەر ئاستى سۈيىنى زىيادە تارتىش قاتارلىق سۇ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى مەسىلىسىدە ھەرىكەتچان ئۆزگىرىش بولدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى سۇ بايلىقى بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىش ۋە ئەلالاشتۇرۇشقا يېڭى تەلەپ قويدى. ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، شەرقىي لىنىيە، ئوتتۇرا لىنىيە، غەربىي لىنىيەدىن ئىبارەت ئۈچ لىنىيەنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكلىرىنى توغرا ئىگىلەپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، داۋاملاشما قۇرۇلۇشلارغا بىرتۇتاش پىلانلاپ يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، داۋاملاشما قۇرۇلۇش يىرىك پىلانى لايىھەسىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، تارماقلار، جايلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىنى ماسلاشتۇرۇپ مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، قۇرۇلۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، تۈزۈلگەن يىرىك پىلان لايىھەسىنىڭ تارىخ ۋە ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  خەن جېڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش داۋاملاشما قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، قۇرۇلۇشنى پىلانلاش، قۇرۇلۇش قىلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈش ئىدىيەسىنى تولۇق نامايان قىلىش كېرەك. سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ سۇ تېجەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش، قەتئىي تۈردە سۇنى خالىغانچە ئىشلىتىش، زىيادە يۆتكەشتىن ساقلىنىش كېرەك. «جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش قۇرۇلۇشى ئومۇمىي يىرىك پىلانى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى ئەستايىدىل باھالاپ، داۋاملاشما قۇرۇلۇش يىرىك پىلانى ۋە قۇرۇلۇش لايىھەسىنى سېلىشتۇرۇپ دەلىللەشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يىرىك پىلاننى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىلمىي مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. شەرقىي لىنىيە، ئوتتۇرا لىنىيە 1 - قارارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ۋە تەڭشەش - ئورۇنلاشتۇرۇش - باشقۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، سۇ سۈپىتىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، قوغداشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۇ يۆتكەش ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قۇرۇلۇش ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك.

  بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىنى ياخشى ئېچىش ئۈچۈن، 5 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ خېنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ گوشېڭ ۋە مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ كەينىڭ ھەمراھلىقىدا، نەنياڭ شەھىرى شىچۇەن ناھىيەسىنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، كۆچۈرۈلگەنلەر يېڭى كەنتى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش ئوتتۇرا لىنىيە قۇرۇلۇشىنى قۇرۇش - باشقۇرۇش، يۈرۈشتۈرۈش ۋە ئامبار رايونىدىكى كۆچۈرۈلگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى.

  شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن تاۋچا ئۆستىڭى باش تۈگۈن قۇرۇلۇشىغا كېلىپ، سۇ باشلاش چۈشۈرگىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، ئارقىدىن كېمىگە ئولتۇرۇپ دەنجياڭكوۋ سۇ ئامبىرىنى تەكشۈردى، ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى ھەم نەق مەيداندا ئېلىنغان سۇ ئەۋرىشكىسىنى كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش قۇرۇلۇشى مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئۇل ئەسلىھە بولۇپ، تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدۇ. ھاياتلىق لىنىيەسىنى قوغداش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكى، سۇ بىلەن تەمىنلەشنىڭ بىخەتەرلىكى، سۇ سۈپىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماي، ئامبار رايونىغا بولغان قوللاش، ياردەم بېرىش - يۆلەشنى داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەك. سۇ بايلىقىغا بولغان قاتتىق چەكلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيەگە ئىشلىتىلىدىغان سۇنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېزا ئىگىلىكى، سانائەت، شەھەر - بازار قاتارلىق ساھەلەردە سۇ تېجەشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك. سۇ مەنبەسى رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش خىزمىتىنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، قاتتىق ئۆلچەم قويۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى ئىشلەپ، بۇ ئامباردىكى زۇمرەتتەك سۇنى ياخشى ساقلاش كېرەك.

  ئۆستەڭ باش تۈگۈنىگە يېقىن جايدىكى جيۇچۇڭ بازىرى زوۋجۇاڭ كەنتىدە جەمئىي 175 ئائىلىلىك، 750 كىشى بار بولۇپ، 2011 - يىلى 6 - ئايدا جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش ئوتتۇرا لىنىيە قۇرۇلۇشى سەۋەبىدىن بۇ جايغا كۆچۈرۈلگەن. شى جىنپىڭ جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش كۆچۈرۈلگەنلەر كەنتى كەسىپ تەرەققىيات مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ قۇرۇلغان دەنجياڭ يېشىل مېۋە - كۆكتات باغچىسى بازىسىغا كېلىپ، مىخوۋتاۋنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، كۆچۈرۈلگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. پۈتۈن كەنتتىكى 300دىن كۆپرەك كىشىنىڭ مېۋە - كۆكتات كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق كىرىمىنىڭ 2000 يۈەندىن ئاشىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، شى جىنپىڭ ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كۆچۈرۈلگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتىكى داۋاملاشما ياردەم بېرىش - يۆلەش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يەر تېرىپ دېھقانچىلىق قىلىش، سىرتقا چىقىپ ئىشلەش، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەڭ تۇتۇپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كۆچۈرۈلگەن ئاممىنىڭ مۇقىم تۇرالايدىغان، تەرەققىي قىلالايدىغان، بېيىيالايدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ پىيادە مېڭىپ كەنت قىياپىتىنى كۆزدىن كەچۈردى، ھەم كۆچۈرۈلگەن ئاھالە زوۋ شىنزېڭنىڭ ئائىلىسىنى يوقلاپ، بىر ئائىلىدىكى ئۈچ ئەۋلاد بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى. زوۋ شىنزېڭ باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، زىرائەت تېرىغاندىن باشقا يەنە كەنت، بازارغا يېقىن ئەتراپتا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتىمەن، تۇرالغۇمىز، داۋالىنىشىمىز، بالىلىرىمىزنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشىنىڭ ھەممىسى كاپالەتكە ئىگە بولدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىش، ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىشىدا ئەمەل قىلغىنى خەلقنىڭ رايى، مەقسىتى خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش. پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخى خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش تارىخىدۇر. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رولى ۋە پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، «تۆتنى كېڭىشىش، ئىككىنى ئاشكارىلاش»نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەنت دەرىجىلىك ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئورتاق بېيىش نىشانىغا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك. كەنتتىن ئايرىلىدىغان چاغدا، كەنت ئاھالىلىرى يول بويىغا چىقىپ باش شۇجى بىلەن خوشلاشتى. شى جىنپىڭ جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش قۇرۇلۇشىغا يۈرەك قېنى ۋە جاپالىق ئەجرىنى سىڭدۈرگەن قۇرغۇچىلار ۋە يۈرۈشتۈرۈش، باشقۇرۇش خادىملىرىغا، «سۈزۈك سۇنى شىمالغا يۆتكەش» ئۈچۈن خالىس تۆھپە قوشقان كۆچۈرۈلگەن ئاممىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى. ئۇ يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى روناق تېپىشىغا، كۈنلىرىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ يازلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، ئۆستەڭ باش تۈگۈنىگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولۇش سەپىرىدە ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ، بىر بۇغدايلىققا كىرىپ بۇغداينىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. مول ھوسۇلدىن ئۈمىد بارلىقىنى كۆرۈپ، شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىنسا، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا جەزمەن ئۇرۇقلۇقنى ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك. يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشنى ياخشى ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈشتىن باشلاپ، ئۇرۇقلۇق سورتىنى ياخشىلاش تېخنىكىسىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگونىڭ ئۇرۇقلۇقىغا تايىنىپ جۇڭگونىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، شى جىنپىڭ يەنە نەنياڭ شەھىرىدە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى تېببىي ئالىم جاڭ جۇڭجىڭنىڭ قەبرە خاتىرە ئورنى بولغان يىشېڭسىغا كېلىپ، جاڭ جۇڭجىڭنىڭ ھاياتى ۋە جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى ئىگىلىدى، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاشتا جارى قىلدۇرغان رولى، ھەمدە جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى ئىلمى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ساغلاملىق، كۈتۈنۈش ئىدىيەسى ھەم ئۇنىڭ ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ ئىجادىيىتى ۋە جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامان ئىلىم - پەن گۆھىرى. توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش، ۋارىسلىق قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى پەن تەتقىقاتى ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋى ئىلىم - پەن ئارقىلىق جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى ئىلمىنىڭ پىرىنسىپىنى چۈشەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەنئەنىۋى جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى بىلەن زامانىۋى ئىلىم - پەننى بىرلەشتۈرۈش، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى بىلەن غەرب تېبابىتى - دورىگەرلىكىنىڭ بىر - بىرىنى تولۇقلىشى، ماس تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  يىشېڭسىدىن ئايرىلىپ، شى جىنپىڭ نەنياڭ قىزىل ئەتىرگۈل كۆرگەزمە باغچىسىغا كەلدى، شۇ جاينىڭ قىزىل ئەتىرگۈل كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ كۆرگەزمە باغچىسىنىڭ قىياپىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. ساياھەتچىلەر بەس - بەستە باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يەرلىكنىڭ خاس كەسىپ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، ئۆز يېرىنىڭ ئەۋزەل بايلىقىنى قېزىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇپ، يەرلىكنىڭ ئەلا سۈپەتلىك سورتىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش - تەتقىقاتنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەتتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى قىلىش كېرەك.

  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ نەنياڭ ياۋيىباۋ ئەمەن مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش سېخى ۋە مەھسۇلات كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، كارخانىدىكى ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلار ۋە خىزمەتچىلەر بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەمەن قىممەتلىك جۇڭيى دورا ماتېرىيالى، ئەمەن مەھسۇلاتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغاندا ھەم ئۆز جايىدىن ماتېرىيال ئالغىلى بولىدۇ، ھەم يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. بىز بىر تەرەپتىن، تېخنىكا كۆجۈملىشىش تىپىدىكى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمى چوڭ بولغان ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارغا تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى ۋە قوشۇلما قىممەت پايدىسىنى يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ، خۇ چۇنخۇا، خې لىفېڭ قاتارلىقلار تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى ھەم سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار ئۆلكە، شەھەرلەردىكى مەسئۇل يولداشلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ