مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى

2021.05.14 09:32 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 5-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېچىلدى، يىغىندا يۈكنى يېنىكلىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە دائىر بىر قىسىم سىياسەتلەرنىڭ مۇددىتىنى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتىش قارار قىلىندى، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ قوللاش تەدبىرلىرى بېكىتىلدى، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان ساھە، كارخانىلارنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ «قۇرۇلۇشلارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق بولۇشىنى باشقۇرۇش نىزامى (لايىھە)»سى ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇلتۇر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، يۈكنى يېنىكلىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ھەققىدە بىر قاتار تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. بۇ يىل ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى سىياسەت جەھەتتىن ئىزچىل قوللاش كېرەك. بىرىنچى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى يولغا قويۇپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، سۇغۇرتا قايتۇرۇش كېرەك. بۇ يىل بەلگىلىمە بويىچە شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان چوڭ كارخانىلارغا ئالدىنقى يىلى تاپشۇرغان ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلىنىڭ %30ئىدىن ئاشمىغان قىسىمى قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا %60 ئىدىن ئاشمىغان قىسمى قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ. ئىككىنچى، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش، ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش ياردەم پۇلى ۋە ئىشسىزلىق ياردەم پۇلى ھەمدە ۋاقىتلىق تۇرمۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى قوللاش قاتارلىق سىياسەتلەر بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىق يولغا قويىلىدۇ. كارخانىلار نۇقتىلىق كىشىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرسا، بەلگىلىمە بويىچە بېجى كېمەيتىلىدۇ ياكى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. ئۈچىنچى، بازارلاشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش»نى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى ۋە ئۆسۈم جەھەتتە ئېتىبار بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش- ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم يول. يىغىندا مۇنۇلار بېكىتىلدى: بىرىنچى، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرىنى تۈزۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشقان جايدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نوپۇس چەكلىمىسىنى قويۇۋېتىش كېرەك. ئىككىنچى، سۇپىدا جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ كەسپىي زىيان-زەخمەت كاپالەت سىنىقىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئۈستۈن قانۇنغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بەلگىلىمىلەر ياكى نامۇۋاپىق ھەق ئېلىش، جەرىمانە قويۇش بەلگىلىمىلىرىنى ئېنىقلاپ ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.

  يۇقۇمنىڭ سىجىل تەسىرىگە ئۇچرىغان ساھە، كارخانىلارنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، يىغىندا مۇنۇلار بېكىتىلدى: بىرىنچى، خەلق ئاۋىئاتسىيە كارخانىلىرى بىلەن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى جىددىي قەرز بېرىش سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىشقا يېتەكلەش؛ مەدەنىيەت، ساياھەت، تور سىرتىدىكى پارچە سېتىش، ياتاق قاتارلىق كەسىپلەرگە نىشانلىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىككىنچى، كىچىك، مىكرو پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ ئىناۋەتلىك قەرز پۇلىنى باھالاش سىستېمىسىنى سىناق تەرىقىسىدە ئورنىتىش؛ مەبلىغى 300 مىليارد يۈەندىن تۆۋەن بولمىغان كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەخسۇس پۇل مۇئامىلە قەرزى تارقىتىشىنى قوللاش؛ بانكا كەسپىدە ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا قەرز بېرىشتە سۈرئەت ۋە ساننى ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى بەش چوڭ سودا بانكىسىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا قەرز بېرىشىنى %30 تىن كۆپرەك ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى بازار سۇبيېكتىنى چۆرىدەپ رايون مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مەدىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكلەش؛ پۇل مۇئامىلە خەۋپ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىچكى ـ تاشقى ۋەزىيەت ۋە بازار ئۆزگىرىشىنى ئىز قوغلاپ تەھلىل قىلىپ، كۆپ مىقدارلىق تاۋار باھاسىنىڭ زىيادە تېز ئۆسۈشىگە ۋە ئۇنىڭ چاتما تەسىرىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش؛ پۇل سىياسىتى بىلەن باشقا سىياسەتلەرنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىنى ساقلاش كېرەك.

  يىغىندا «قۇرۇلۇشلارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق بولۇشىنى باشقۇرۇش نىزامى (لايىھەسى)» ماقۇللىنىپ، قۇرۇلۇشلارنى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىشتە ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش تەلىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، سېلىنىپ بولغان قۇرۇلۇشلارنى يەر تەۋرەشكە چىداملىق بولۇش جەھەتتە باھالاش، مۇستەھكەملەش ۋە ئاسراش قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، يېزا قۇرۇلۇشلىرىدا يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىش كۈچەيتىلدى.

  مەسۇلئىيەت چىڭىتىلىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، جازالاش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ